تۇنىس رەئىسى ئىبنى ئېلىغا 15 يىللىق غىيابى قاماق جازاسى ئېلان قىلىندى

تۇنىس رەئىسى زەينىل ئابىدىن ئىبنى ئېلى تۇنىستا نامايىش چىقىپ، بىر ئايدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011-07-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇنىستا نامايىشچىلار لىۋىيە كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 21-فېۋرال.
تۇنىستا نامايىشچىلار لىۋىيە كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلماقتا. 2011-يىلى 21-فېۋرال.
AFP

تۇنىستىكى ئادالەت مەھكىمىسى 20-ئىيۇن كۈنى تۇنىس رەئىسى ئىبنى ئېلى بىلەن ئايالى ئىككىسىنى دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ قاچقانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، ھەر ئىككىسىگە 35 يىللىقتىن غىيابى قاماق جازاسى ئېلان قىلغان ۋە ئايالىغا 25 مىليون، ئىبنى ئېلىغا 41 مىليون يورو جەرىمانە قويغان ئىدى. كېيىنچە بۇ ھۆكۈمگە « ئالدىراپ ئېلان قىلىنغان ھۆكۈم» دېگەن قارشىلىقلار كۆپ كۆرۈلگەندىن كېيىن، 2011-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى ئىبنى ئېلىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىمۇ قاتناشتۇرغان مۇھاكىمىدە، ئىبنى ئېلىنى پۇقرالارنى قەستەن ئۆلتۈرگۈزگەن، دۆلەتنىڭ مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، تۇنىسنىڭ ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى ئېلىپ قاچقان، ئۆيىدە كۆپ مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك ساقلىغان، نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغان دېگەندەك 93 تۈلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ھەققىدە 15يىل6 ئايلىق غىيابى قاماق جازاسى ئېلان قىلدى ۋە 54مىڭ يورو جەرىمانە قويدى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 5-ئىيۇل سانىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، ئىبنى ئېلىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە ئىبنى ئېلىنى ئاقلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ جازاسىنىڭ ئازايتىلىشى ئۈچۈن تىرىشقان. لىۋان پايتەختى بېيرۇت شەھىرىدىن يۈسۈپ دىياب دېگەن كىشىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 5-ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تۇنىس ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئېلانى تۇنىس رەئىسى زەينىل ئابىدىن ئىبنى ئېلى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈم ئېلانى بولۇپ، ئالدىنقى ھۆكۈمدىن كېيىن ئىبنى ئېلىنىڭ ئادۋوكاتلىرى تەييارلىقىنى پۇختا قىلغان ۋە ئالدىنقى ھۆكۈمنى قىسقارتىشتا غەلىبە قىلغان بولدى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، زەينىل ئابىدىننىڭ خەلقى تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ۋە ۋەتىنىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك جازا ئەمەس. زالىملار قانداق يەردە پاناھلانمىسۇن، چوقۇم بىر كۈنى جازاسىنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەينىل ئابىدىن ھەققىدىكى غىيابى جازا يەنە قايتىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىر جىنايىتى ئۈچۈن ئايرىم جازا كېسىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا 35 يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ.»

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:« تۇنىس رەئىسى ئىبنى ھەققىدىكى بۇ ھۆكۈم ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر قانچە قېتىم قايتىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى تۇنىس ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى مۇختار يەھياۋىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنىس رەئىسى ئىبنى ئېلى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھۆكۈم شەكلىي بىر ھۆكۈم بولۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ مەھكىمىگە چىقارغاندا ھەممە ئىش نۆلدىن باشلىنىدىكەن. ھازىر مۇھىم بولۇۋاتقان مەسىلە ئىبنى ئېلىنى تۇنىسقا قانداق ئېلىپ كېلىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىختىيارىي ھالدا كېلىشى ئېھتىمالدىن بەكمۇ يىراق ئىش ئىكەن.

تولۇق بەت