توققۇزاقلىق 50 ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىك ۋەقەسى ئاشكارىلاندى

توققۇزاقلىق 50 ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە 10 يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ بۇ 50 ئۇيغۇرغا ئېلىپ كەلگەن پالاكەتلىرى تېخى ھازىرغىچە تۈگىمىگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ.
RFA Photo

ئالدىنقى يىلى توققۇزاق ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭغا يۆتكەلگەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە بۇ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدەك زور بىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. يېقىندا ئاشكارىلىنىشىچە، يەنە شۇ توققۇزاق ناھىيىسىدىن 50 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئاپىرىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 10 يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ بۇ 50 ئۇيغۇرغا ئېلىپ كەلگەن پالاكەتلىرى تېخى ھازىرغىچە تۈگىمىگەن.

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېقىنى سەۋەبلىك ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ۋە ئۇلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئەرزان ئەمگەك كۆچى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋە ھەتتا چەت دۆلەتلەردىكى شىركەتلەرگە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىكى ئەمەلدارلىرى، بۇ50 ئۇيغۇرنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا 6 ئاي ھەقسىز ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 300 مىڭ دوللار پۇل تاپقان. بۇ ئۇيغۇرلار بولسا، 6 ئاي ھەقسىز ئىشلىگەندىن باشقا، زاكالەت قويغان 15 مىڭ سوم پۇلىنىمۇ زىيان تارتقان. زىيان بۇنىڭ بىلەنلا قالمىغان، ئۇلار سەپەر ئۈستىدە پاكىستاندىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئەلقائىدەگە باغلىنىپ سوراققا تارتىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان تۇپرىقىغا دەسسىگەنلىكى ئۈچۈن رادىكال دىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماقلاردىمۇ ياتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت