تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالدىنى ھېچكىم توسالمايدۇ

2007-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

11-نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىدە 17- نويابىردىن 19-نويابىرغىچە چاقىرىلدى. بۇ قۇرۇلتايغا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن 1500 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 6 ئۇيغۇر قاتناشقان قۇرۇلتاينىڭ 19- نويابىر كۈنىدىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل ناھايىتى مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركلەرنى بىر قارا ياغاچقا باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئوخشاتتى.

بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشىنى قارا ياغاچنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ئوخشاتسا مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىنى يوپۇرماقنىڭ قايتا ياشنىشىغا ئوخشاتتى. تۈرك دۇنياسىدا ئەركىنلىك شامىلىنىڭ چىقىشقا باشلىغانلىقىنى بۇ شامالنى ھېچكىمنىڭ توسالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان سۇلايمان دېمىرەل، تۈركىي مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى. سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ بۇ نۇتقى قۇرۇلتاي ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

تۈرك دۇنياسى دېگەن نېمە؟

"1990-يىللىرىغىچە بۇ قۇرۇلتاي نېمىشقا چاقىرىلمىدى. 20-يىل بۇرۇن بۇ قۇرۇلتايغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى مۇمكىنمىدى؟ ئەزەربەيجاندىلا ئەمەس باشقا دۆلەتلەردىمۇ بىر يەرگە كېلەلمەيتتۇق. 20 يىل بۇرۇن تۈرك دۇنياسى قانچە پارچە ئىدى؟ قايسى شەرتلەر ئاستىدا ياشاۋاتاتتى؟ بۈگۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟ تارىخنىڭ يولى ئەگرى توقايمۇ؟ بۇ ئەگرى توقاي يولدا بەزىدە پۇرسەتلەر ئالدىڭىزغا چىقىدۇ؟ مىللەتلەر ۋە خەلقلەر بەزىدە ئۆزلىرى دۇچار بولغان زۇلۇمنى چېكىشكە مەجبۇر قالىدۇ، پۇرسەت چىقىپ قالسا ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىدۇ؟ بۇ ئىككىلىسىنى قىلالىغان مىللەت ئۆزىنى قوغداپ قالالايدۇ. تۈرك دۇنياسى 11 مىليون كۋادرات كىلومېتر چوڭلۇقتا بولۇپ، 3 ياۋروپاغا تەڭ. بۇنداق كەڭرى بىر جۇغراپىيىدە مېنىڭ يىلتىزىم، تېگىم تۈرك دېگەن تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ياشىماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەپسانىسى، داستانى، قەھرىمانى، تىلى، دىنى، تارىخى، رىۋايەتلىرى ۋە چۆچەكلىرى ئورتاق بولغان خەلقلەر ياشايدىغان بىر دۇنيادۇر. بۇ بۈيۈك دۇنيا ئۆتكەن 2000 يىل جەريانىدا نۇرغۇن بوران چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتتى. بۇلارنى ھەر دائىم يادىمىزدا ساقلىشىمىز كېرەك."

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يىلتىزى بىر

"تۈركىي تىللار دىۋانىغا كۆرە، تۈرك ئىسمىنى تەڭرى بەرگەن. ئۇ چوڭ بىر قارىغايغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ شاخلىرى بار. "تۈركىي تىللار دىۋانى" دا يېزىلىشىچە 21 تۈركىي مىللەت بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر دەرەخنىڭ شاخلىرىدۇر. تارىختا بەزىدە بۇ قارا ياغاچنىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن، ۋاقتى كەلگەندە قايتا ياشنىغان. 1990-يىلىدىكى ۋەقەلەر مانا بۇ ھادىسىلەردىن بىرىدۇر. قارا ياغاچنىڭ شاخلىرى قايتا ياشنىدى. بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر مانا بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى. بۇ مىللەتكە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر. تۈركىي مىللەتلەر نەدە، قايسى شەرت شارائىتتا ياشىسا ياشىسۇن دۇنيا تارىخىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەتتۇر. بۇ قۇرۇلتاينى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان مىللەتلەرنىڭ قايتىدىن دۇنيادا سۆز ئىگىسى بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت."

قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر تارىخنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

" بۇ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ بۇ ئىنسانلىققا، مەدەنىيەتكە، دۇنيا تىنچلىقىغا تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەخمەت يەسەۋى قېرىنداش مىللەتلەرگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىتتىپاقلىشىڭلار، ئۆزئارا جېدەل قىلماڭلار، مەسىلىلىرىڭلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىڭلار، ئىنسانلارنى سىنىپلارغا ئايرىماڭلار، ئەر ئاياللار تەڭ باراۋەردۇر. بۇ مىڭ يىل بۇرۇن ئەخمەت يەسەۋى دېگەن سۆز. ئەر ۋە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى بۈگۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سۆزلەردىن بىرىدۇر. 21-يۇز يىلغا كىرگەن كۈنىمىزدە ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى تەڭ باراۋەر كۆرمەيدىغان كىشىلەر بار. تۈركىي مىللەتلىرى بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قىلىدىغان بولساڭلار بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن قىلىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ تارىخى مىراسىڭلار."

تۈركىي مىللەتلەرگە بېرىلگەن ئالتۇن پۇرسەت

"1990-يىللاردا تارىخ تۈرك دۇنياسىغا ئالتۇن پۇرسەتنى بەردى. نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئەمەس دەل 1990-يىللاردا بۇ پۇرسەت ئوتتۇرىغا چىقتى؟ 20-ئەسىر دۇنيانىڭ ئەڭ قانلىق يۈز يىلىدۇر. ئىككى ئۇرۇشتا جەمئىي 60 مىليون ئىنسان ئۆلدى. ئۇرۇشتا تەرەپ بولمايدۇ. ئەگەر ئىككى چىنىنى سوقۇشتۇرساڭلار، بىرى سۇنسا يەنە بىرسىگە چاك كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ئۇرۇش جېدەل بىلەن ئەمەس تىنچلىق ئىچىدە ھەل قىلىشنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭدۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ئورتاق مەقسىتىمىز ئىنسان ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلغان، پىكىر ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىنساندەك ياشىغىلى بولىدىغان بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش بولۇشى كېرەك. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى ئاساس قىلغان ھالدا، دېموكراتىك ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئىلگىرلەۋاتىدۇ، بىز بۇ يولدىن ئازماسلىقىمىز كېرەك."

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سۇلايمان دېمىرەل سۆزىدە يەنە، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ باشلىغانلىقىنى، دۇنيادا ئەركىنلىك شامىلى چىقىۋاتقان كۈنىمىزدە بۇنىڭ ئالدىنى ھېچكىمنىڭ توسالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت