تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە سوئال خېتى سۇندى

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 1 - يىللىقى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قايتىدىن تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى رېشات دوغرۇ ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سوئال خېتى سۇندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺭﯦﺸﺎﺕ ﺩﻭﻏﺮﯗ(ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﯗﻟﻼﻫ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻙ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺭﯦﺸﺎﺕ ﺩﻭﻏﺮﯗ(ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن بۇ خەتكە ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىشى كېرەك ئىكەن. خەتنىڭ مەزمۇنى ۋە يېزىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى تۈرك پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.

رېشات دوغرۇ ئەپەندى سوئال خېتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەن ئالدى بىلەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەبىر تىلەيمەن. بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قارشى زۇلۇم ئېلىپ بېرىلدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھازىرغىچە ماتەم ئىچىدە. مەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قانچە كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قانچە كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، قانچە كىشىنىڭ يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە قانچە كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىر سوئال خېتى يازدىم. خېتىمدە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنلىرىمنى ھۆكۈمەتتىن سورىدىم. بىزنىڭ قانۇنىمىز بويىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بۇ سوئاللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سورىشى ۋە بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىپ بىزگە جاۋاب يېزىشى كېرەك."
    
پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى، ئۆتكەن يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خىتايلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز تۇپراقلىرىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا. كىچىككىنە بىر ۋەقە چىقسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆلتۈرۈلمەكتە ۋە ھەقسىزلىققە ئۇچرىماقتا. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى تەقىپ قىلىشى كېرەك. بىز پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققانىي كۈرەش ئېلىپ بارماقتا. دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. خىتايلار 5 - ئىيۇلدا شەرقىي تۈركسىتانلىقلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. ياۋروپا پارلامېنتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ھەيئەت ئەۋەتىپ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە سالامىمنى يوللايمەن."
 
پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سوئال خېتى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەرگىمۇ مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت