تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى

2008-03-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14 - مارت كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھرىدە يۈز بېرىپ، كېيىن خىتاي ساقچىلىرى بىلەن تىبەتلىكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشقا ئايلانغان بۇ ۋەقەگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى. بۇ خەۋەرگە تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت گېزىتى `خىتاي ساقچىلىرى ئۆلتۈرمەكتە `تېمىسىدا، رادىكال گېزىتى بولسا` تىبەت غەزەپ نەپرەتكە تولدى `تېمىسىدا، مىللىيەت گېزىتى بولسا `ئولىمپىك ئوتىدا 100 كىشى ئۆلدى` تېمىسىدا خەۋەر قىلغاندىن باشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزورلىرىدىن ت ر ت، ن ت ۋ، س ن ن تۇرك باشچىلىقىدىكى پۈتۈن قاناللار خەۋەرلىرىدە توقۇنۇشقا كەڭ كۆلەمدە يەر بەردى.

تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدىكى خەۋەرگە مىللىيەت گېزىتىنىڭ 16 - مارت يەكشەنبە كۈنىدىكى سانىدا `ئولىمپىك ئوتىدا 100 كىشى ئۆلدى` تېمىسىدا يەر بېرىلدى. بۇ خەۋەرنىڭ باش تېمىسىنىڭ ئاستىدىكى كىچىك تېمىدا مۇنداق دېيىلگەن: `ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە دۇنياغا تىنچلىقىنى ياقلايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ قول ئاستىدىكى تىبەتتە بۇددىست راھىبلار باشلىغان نارازىلىق نامايىشىغا خىتاي ئارمىيىسى قورال ياراق بىلەن جاۋاب قايتۇردى، تىبەتنىڭ پايتەختى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى`. بۇ كىچىك ماۋزۇنىڭ ئاستىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ خەرىتىسى، تىبەتلىكلەرنى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇپ باستۇرۇۋاتقان رەسىمىگە يەر بېرىلگەن.

خەۋەردە 57 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغان تىبەتتە 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نارازىلىق نامايىشنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 10 ئەتراپىدا تىبەتلىك راھىبنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، بۇ ۋەقەدە يۈزلەرچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى يازغان. خەۋەردە يەنە تىبەتلەرنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يازغان. خەۋەردە تىبەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر مەنبەسىنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدىن باشقا بۇ خەۋەرلەرنى توغرىلاش يولىنىڭ يوقلىقىنى يازغان.

تۈركىيىدىكى بەزى تېلېۋىزور قاناللىرى تىبەتتىكى توقۇنۇش ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار بېسىۋالغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، بۇ رايونلاردا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئېچىلىشتىن بۇرۇن دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئۆزىنىڭ تىنچلىقنى ياقىلايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئىككى نازۇك مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھەقىقى تىنچلىقنى ياقىلايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

تىبەتتە يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشنىڭ، 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئۆزىنى دۇنياغا تىنچلىقپەرۋەر بىر دۆلەت دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزى پەيدا قىلدى دەپ خەۋەر قىلغان، ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن پەيتتە مەيدانغا چىقىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ بۇ ۋەقەلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت