تۈركىيە، تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقتى

چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش پىلانىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىدارە-جەمئىيەتلەر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ئورتاق ئىستراتېگىيە پىلانىنى يېزىپ چىقتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى. تۈركىيە تېلېۋىزىيىسى "24-قانال". 2011-يىلى يانۋار.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى. تۈركىيە تېلېۋىزىيىسى "24-قانال". 2011-يىلى يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1992-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى "24-قانال" تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتىدا تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيىنىڭ بۇ سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ تۈركىيىنىڭ بۇ سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلار قانداق پايدىلاندى؟

"24-قانال" دا بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى 1992-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن 42 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە تۈركىيىگە تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن 40 مىڭ ئوقۇغۇچى كېلىپ ئوقۇپ كەتتى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن 132 مىليون دوللار پۇل خەجلىدۇق. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەيەردە ئىشلەۋاتىدۇ؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە قولىمىزدا مەلۇمات يوق."

دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىشى كۆپ ساندا ئىدارە-جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدا يېڭى بىر ئىدارە قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانىنى بىر مەركەزدىن ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەتلەر مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ئورتاق ئىستراتېگىيە پىلانىنى يېزىپ چىقتۇق. كېلەر ئاي بۇ پىلاننى ئېلان قىلىمىز. بۇ پىلانغا ئاساسەن قايسى دۆلەتكە قايسى تۈركىي مىللەتكە قانچە سان بېرىمىز بۇنى بېكىتىمىز. قايسى تۈركىي مىللەت قايسى كەسىپتىن قانچىلىك كىشىگە ئېھتىياجى بار، ئۇنىڭغا قاراپ ئوقۇغۇچى ئەكېلىمىز. چەتئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيىدە راھەت ئوقۇشى ئۈچۈن قانچىلىك ئوقۇش پۇلى بەرسەك مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرىنى قانداق قىلىمىز؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاندى. بۇ دوكلاتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇ خىزمەتلەرنى يېڭى قۇرۇلغان چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسى قىلىدۇ. قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش پىلانى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقاندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئۇ يەردىكى ئەلچىسى رولىنى ئوينايدۇ شۇنداقلا قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ."

تۈركىيىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلار قانداق پايدىلاندى؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پايدىلىنىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت