تۈركىيىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلدى

تۈركىيىنىڭ قىرىققالە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1 - نۆۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تۈرك تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻛﺎﮔﻮﺷﯩﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﺭ. ﻫﺎﺟﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻛﺎﮔﻮﺷﯩﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﺭ. ﻫﺎﺟﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Erkin Tarim

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى سۆزگە چىققان كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى "تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالاقە تىلى تۈرك تىلى بولۇشى كېرەك" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى سۆزىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا كۆپ ساندا ئىلىم ئادەملىرى ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ئىلىم ئادەملىرى بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولدى.

در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن ئەھلى ۋە زالدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن ئارقا ئارقىدىن سوئاللارنى سوراپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئالدى.

ئۇنىڭ، تۈركچە، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالاقە تىلى بولۇشى كېرەك دېگەن كۆز قارىشى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بىلىم ئادەملىرى ئارىسىدا قاتتىق تالاش - تارتىش ياراتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت