'بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى' ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا "قۇتادغۇ بىلىك"نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ " بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى "ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ مۇندىن 17 يىل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى "مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى"نىڭ كۇلۇبىدا شۇ سەرلەۋھە ئاستىدا سۆزلىگەن لېكسىيىسىنىڭ كېڭەيتىلمىسى بولۇپ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، قىسقىچە تارىخى ۋە ئۆتمۈشى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ناھايىتى ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك ھالدا، ئەرەب تىلىدا شەرھلەپ بېرىلگەندىن تاشقىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۇنلار دەۋرىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە بولغان تارىخى جەريانى، قۇرۇلغان دۆلەتلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا يارىتىلغان مەدەنىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى ئىخچام ھالدا بايان قىلغان.

تۆۋەندە "بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى" ناملىق كىتاب توغرىلىق كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، "قۇتادغۇ بىلىك"نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇنداق دېدى: "1993-يىلى مەككىدىكى ئۇممۇلقۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى راجىھ ئىبنى راجىھ بىلەن بالامنىڭ ۋاستىسى بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ مەككىدىكى "مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى"نىڭ چوڭ كۇلۇبىدا تۈركىستان توغرىلىق لېكسىيە بېرىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇ خۇشاللىقتا مەن ئۇ لېكسىيىنى ئىككى كۈندە يېزىپ چىققانتىم، بەكمۇ مەزمۇنلۇق ھەم ئىخچام بولغان ئىدى. لېكسىيىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنچە زور مەمنۇن بولغانتى. كېيىنچە ئۇنى كېڭەيتىپ كىتاب قىلدىم. مەن لېكسىيە سۆزلىگەن زالنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ئېسىپ قويغانتىم، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانتى. مېنىڭ لېكسىيىمگە مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان، خۇسۇسەن مەككىنىڭ زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان ئىدى. بۇ كىتابنى بىر مىڭ دانە باستۇرۇپ، ھەقسىز تارقاتتىم."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت