ئەنقەرەدە مۇستەقىللىقنىڭ 15 يىلىدا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ناملىق يىغىن چاقىرىلدى

2007-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى ۋە ئەنقەرە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرە ئاتو يىغىن زالىدا مۇستەقىللىقنىڭ 15 يىلىدا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ناملىق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا سابىق تاشقى ئىشلار مۇئاۋىنى، ھازىرقى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئونۇر ئۆيمەن رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا سابىق دۆلەت مىنىستىرى نامىك كامال زەيبەك، سابىق مىنىستىر ھالىل شىۋگىن ۋە كۆپ ساندا سىياسى پارتىيە ۋەكىللىرى، ئىلىم ئادەملىرىدىن بولۇپ 500گە يېقىن كىشى قاتناشتى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ئابدۇللاتىف شەنەر قاتارلىقلار تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جالالاتتىن ياۋۇز ئەپەندى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتى تېمىسىدا، تاشقى سودا مىنىستىرلىكى مەسئۇللىرىدىن شاھىن يامان ئەپەندى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىقتىسادى ئىسلاھات ۋە نەتىجىلىرى تېمىسىدا، گازى ئۇنىۋېرىسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئىسا ئۆزكان ئەپەندى بولسا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر تېمىسىدا سۆز قىلدى. يىغىننىڭ ئىككىنجى بۆلۈمىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مۇنازىرىدە تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ئەلى كۇلەبى، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھاسان ئالى كاراسار ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى سىنان ئوگان، پروفېسسور دوكتور ئالى فۇئات بىلكان قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى، ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى نۇرى گۈرگۈر ئەپەندى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە نۇرغۇن دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ ياۋروئاسىيا خەرىتىسى يېڭىدىن سىزىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەسىرلەردىن بېرى بىز كۈتۈپ كەلگەن تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك قىسمىنىڭ مۇستەقىللىقىگە ئېرىشىشى بولدى. سابىق سوۋېتلەر بىرلىكىنىڭ ئىچىدىن 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى تۇنجى قېتىم تونىغان دۆلەت دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولدى. بۇ بىز ئۈچۈن تارىخى بىر بۇرچ ئىدى. بىزنىڭ بۇ تارىخى ئۆزگىرىشلەرگە تەييارلىقسىز بولۇشىمىز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان سىياسەتكە بەزى نوقسانلارنىڭ بولۇشىغا سەۋەپچى بولدى. تا 1990-يىللىرىغىچە تۈرك زىيالىلىرى تۈرك دۇنياسىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. بىلگەنلەر پانتۈركىست، پانئىسلامىزم قالپىقى بىلەن ئەيىبلىنەتتى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە تۈركىيە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە نۇرغۇن ياردەملەرنى ۋە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدى. ئەمما بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، ئارزۇ قىلىنغان سەۋىيىدىن تېخى ئۇزاق".

نۇرى گۈرگۈر ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنى دۇنيا بازىرىغا سېلىش ئۈچۈن يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامى ئاستىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكتىپ بىر سىياسەت ئېلىپ بارالمايۋاتقانلىقىنى، دېدى. ئۇ يەنە، نۇرغۇن تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىللققە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھازىرغىچە ئىنسان ھەقلىرىدىن مەھرۇم ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. كېيىن، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەسلىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دېگەن ۋاقتىمىزدا بىرىنجى بولۇپ، سىياسى، ئىقتىسادى، تىجارى مۇناسىۋەتلەر يادىمىزغا كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرى بولۇپ مەدىنى مۇناسىۋەتلەر يادىمىزغا كېلىدۇ. سىياسى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر ھەر دائىم داۋالغۇشلار ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۆزگەرمەيدىغىنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەر. بىزنىڭ ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيەدە ياشاۋاتقان مىللەتلەر بىلەن تارىخى، مەدىنى رىشتىمىز بار. بۇ مۇناسىۋەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ، مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاقتىمدا ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماڭا مۇنداق بىر سۆز قىلغان ئىدى. ياۋروپادا فرانسىيە، گېرمانىيە، پولشا ۋە تۈركىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش مەدەنىيەتتىن كەلگەن تۇغقان خەلقلىرى بار. تۈركىيە بۇ دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىن كۈچلىنىشى ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىدى. 1991-يىلى بۇ جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغان ۋاقتىدا تۈركىيە ناھايىتى ھاياجان بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ ئوقۇتۇش پىلانى، ئەسكەر، ساقچى ۋە بانكا خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشكە ئوخشاش خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا باشلىغان ئىدى. كېيىنكى ھۆكۈمەتلەر بۇنى داۋام قىلدۇرالمىدى".

ئونۇر ئۆيمەن ئەپەندى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"رۇسىيە بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، بۇ يەردىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغان مەزگىلگە قارىغاندا تۈركىيىنىڭ بۇ يەردىكى تەسىرى بارغانسېرى ئاجىزلىماقتا. بۇ جۇمھۇرىيەتلەر يېڭى مۇستەقىل بولغان ۋاقتىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى دۆلەت باشلىقلىرى ئالىي يىغىنى چاقىرىلاتتى. بۇنىڭغا پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى تولۇق قاتنىشاتتى. ئۆتكەن يىلى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا پەقەتلا قازاقىستان، ئەزەربەيجاننىڭلا رەئىس جۇمھۇرلىرى قاتناشتى. ئەمما، بۇنىڭ ئەكسىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىغا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تولۇق قاتناشماقتا. شۇڭا بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە قارىتىلغان سىياسىتىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك".

يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ كۆپى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا چوڭقۇرلاپ كىرىشىنىڭ تۈركىيىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى ۋاستىسى بىلەن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارى مەنپەتىنى قولغا كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت