ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئاساسى مەقسەتلىرى

بۇ يىغىن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تۇنجى نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەت 2-قېتىملىق ئېچىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 17-ماي، ئىستانبۇل.
«ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 17-ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

2012‏-يىلى 5-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنلىرى ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل «دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا 56 دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق مىنىستىر، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىيونلار، ئاكادېمىكلار، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىغىن ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان تور بەتتە، يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«بۇ يىغىنغا ھەر يىلى دۇنيانىڭ مۇھىم لىدەرلىرى قاتنىشىپ دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان بىر مۇنبەر قۇرۇش. يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇش. دۇنيا سىياسىتى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش، بەس-مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن، دۇنيا لىدەرلىرىنى ھەر يىلى تۈركىيىدە بىر يەرگە جەم قىلىش. دۇنيانىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئېھتىماللىقلارغا ئالاقىدار پىكىر-مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش. خەلقئارا ۋە رايونلۇق ھەمكارلىققا ئالاقىدار سىياسەتلەر بەلگىلەشكە ھەسسە قوشۇشىدىن ئىبارەت.»

بۇ يىغىننىڭ تۈركىيە سىياسىتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«تۈركىيىنى دۇنيا سىياسەتلىرى بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتا بىر مەركەز ھالغا كەلتۈرۈش. دۇنيا جامائىتىنى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار ئالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى كەلگۈسىگە تارتىش. تۈركىيىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت.»

يىغىننىڭ «ئاسىيادا يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشى بولامدۇ؟» دېگەن بۆلىكىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتە رىقابەتلىشىپ كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقى دۇنيانى سوغۇق ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرەمدۇ؟ دېگەن تېمىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ئەرەب باھارى، دۇنيادىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەر، ئېنېرگىيە، مۇھىت، ئىقتىساد، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، مىللىي مەدەنىيەت توقۇنۇشى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ سۆز قىلىندى.

يىغىندا يەنە «تۈركىيە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا»، «يېڭىدىن كۈچلىنىۋاتقان خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىتى» دېگەن تېمىلاردا مەخسۇس توختالدى ۋە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ 85% ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى خەلقئارالىق دېڭىز يولى بىلەن يۆتكەۋاتقانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستراتېگىيىلىك بىر تېخنىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بولغان ھىندىستان، ياپونىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت بولغانلىقىنى قوبۇل قىلامدۇ؟ خىتاينىڭ ئاسىياغا ھاكىم بولۇشى دۇنيا بىخەتەرلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ خىتاي دۇنياۋى مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارمۇ؟ دېگەن تېمىلاردا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئاخباراتلاردا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 8 مىليون دوللار سەرپ قىلغان.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت