تۈركىيە 20 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژا تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدا پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى تولۇق تەكشۈرۈلمەستىنلا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ خەلقئارا نىزامنامىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى دېيىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻓﻪﺭ ﺋﯜﺳﻜﯜﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻓﻪﺭ ﺋﯜﺳﻜﯜﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە دۈنيا جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىشكە، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ بايانات ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 3 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۈسكۈل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ئىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى كامبودجا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنماي 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

كېيىن زافەر ئۈسكۈل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىز پارلامېنتلار بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۈرۈمچىگە بارماقچى ئىدۇق. خىتايلارمۇ قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا تازا قىزىقمىدى. ئۆتكەندە بىز ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزالىرى رەئىس جۇمھۇرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە چەت دۆلەتلەردە ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئويلىشىپ ئىش قىلىڭلار دېدى."

ئاخىرىدا، د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەلەپلەر بايان قىلىنغان بىر دوكلاتنى تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۈسكۈلگە تاپشۇردى.

بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمىلەر بولدى؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭼﻪﺕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﺩﺍ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ﺩﯦﺪﻯ."
ﺭﻩ.ﯻﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯚ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ .ﯰ ﺧﯧﺘﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﯮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .

Dec 25, 2009 03:40 AM

تولۇق بەت