تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە

پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان، «12 ئاينىڭ سۇلتانى» دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتىنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيت نامىزى ئۈچۈن يىغىلماقتا. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى روزا ھېيت نامىزى ئۈچۈن يىغىلماقتا. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

روزى ھېيت بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېيتلىق توپلاش، ئويۇن-تاماشا قىلىش شۇنىڭدەك خۇشاللىق ئىچىدە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆگىنىش دېمەكتۇر. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى خۇشاللىقتۇر. تۈركىيىدىكى 75 مىليون مۇسۇلمان تەنتەنىلىك ھالدا روزى ھېيتى ئۆتكۈزدى.

قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوز-ئارا پەتىلەشتى. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوز-ئارا پەتىلەشتى. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ باشلىقلىرى تېلېۋىزىيە گېزىت ۋە رادىئولار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلىمەكتە. ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 3 كۈن تەتىل قويۇۋېتىلگەن تۈركىيىنىڭ چوڭ-كىچىك شەھەر ۋە يېزىلىرى ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزى ھېيتنى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزمەكتە.

ئۇنداقتا تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بۇ روزى ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت