100 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۈركىيىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ياكى ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرلاشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش. 2012-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.
گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش. 2012-يىلى سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى جەمئىي 100 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاتمىشى ئۇيغۇر دىيارىدىن، قىرىقى تۈركىيىگە ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ خۇشاللىقى، ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ كۆڭۈل غەشلىكىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش ھەقىقەتەن قىيىن. لېكىن ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىسىز بولسىمۇ بىرەر مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسەتلىرى ھېلىمۇ ھەم بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئەربابلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمدىكى مەسىلە، بىر مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان بىلەن ئايلىق تۇرمۇش راسخوتىنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسىدۇر. تۈركىيىدە بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن پۇرسەتلەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، شۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشقا تىرىشمىسا، يەنە شۇ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن تېخى ئوقۇش باشلىماي تۇرۇپلا بېشىغا غەم چۈشىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. تۆۋەندە بىز تۈركىيىدە يىللاردىن بېرى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ياكى ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ كېلىۋاتقان ساخاۋەت ئورگانلىرى، ۋەخپە-جەمئىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى تونۇشتۇرماقچىمىز، ئەلۋەتتە ياردەم قىلىدىغان ئورۇنلار بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچان ۋە ئېھتىياجلىق بولۇش كېرەك. تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي ۋە مەمۇرىي جەمئىيەتلەر نەتىجە قازانغان ۋە ياردەمگە ئېھتىياجى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىغان ئىجتىمائىي ۋە مەمۇرىي ئورگانلار ۋە جەمئىيەتلەر تۆۋەندىكىلەر:
1. يۇرتلار قۇرۇمى – kredi ve yurtlar kurumu ئىلتىماس قىلىش تور بەت ئادرېسى:
www.kyk.gov.tr. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ تور بەت ئادرېسى ئارقىلىق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تىزىملاتسا بولىدۇ. يۇرتلار قۇرۇمىنىڭ ئايلىق ياردەم پۇلى سوممىسى 260 لىرا. تەخمىنەن 150 دوللارغا توغرا كېلىدۇ.
2. تۈرك مائارىپ ۋەخپىسى-Türk Eğitim Vakfı TEV. بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىن جەمئىي 9500 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. تىزىملىتىش ئادرېسى: www.tev.org.tr . تىزىملىتىش مۇددىتى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاياغلىشىدۇ.
3. ۋەھبى كۆچ ۋەخىپىسى-Vehbi Koç Vakfı. بۇ ۋەخپە ئون مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى باشقارمىسى  (öğrenci işleri)دىن بۇ ۋەخىپىنىڭ ياردەم پۇلى ئۈچۈن تىزىملاتسا بولىدۇ.
4. سابانجى ۋەخپىسى-Sabancı Vakfı. سابانجى ۋەخىپىسى بۇ ۋەخىپتىن ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ھەريىلى 380 ئوقۇغۇچى قوشۇپ ماڭىدۇ. ھەرئايدا 310 لىرا (تەخمىنەن 180 دوللار) ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 9-ئاينىڭ 14،15-كۈنلىرى ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى باشقارمىسىغا تىزىملىتىش ئارقىلىق سابانجى ۋەخىپىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
5. تۈركىيە دىيانەت ۋەخىپىسى-Türkiye Diyanet Vakfı. بۇ ۋەخىپە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تىزىملىتىش ئادرېسى: diyanet.gov.tr
6. ئاناتولىيە ۋەخىپىسى-Anadolu Vakfı. بۇ ۋەخىپ ھەر ئايدا 250 لىرا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پوچتا يولى بىلەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە. پوچتا ئادرېسى ۋە ئىلتىماس قىلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار ئۇشبۇ تور بېتىدە تېخىمۇ ئېنىق بېرىلگەن. http://www.anadoluvakfi.org.tr/burs-basvuru-ve-degerlendirme-sureci.aspx
7. ھۈسەين ئۆزيېغىن ۋەخپىسىHüseyin Özyeğin Vakfı. بۇ ۋەخىپە تەخمىنەن 550 ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە. بۇ ۋەخىپىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى پەقەتلا ئىستانبۇلدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلالايدۇ.ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋەخىپىگە بېرىپ بىۋاسىتە ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
8. بەرىكەت ۋەخىپىسى-Bereket Vakfı. ئۇنىۋېرسىتېت ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. تىزىملىتىش 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ۋەخىپىنىڭ تور بېتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
9. ئەنسار ۋەخىپىسى-Ensar Vakfı. تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە شەرتلىرىنى ۋەخىپىنىڭ تور بەت ئادرېسىدىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرت، تۈركىيە پەن تېخنىكا تەتقىقات قۇرۇمى-TÜBİTAK، ئىستانبۇل تىجارەت ئىشخانىسى-İTO، ئەيمىر كۈلتۈر ۋەخىپىسى-Eymir Kültür Vakfı، ئەلگىنكان ۋەخىپىسى-Elginkan Vakfı، كۈلتۈر ئوچىقى ۋەخىپىسى-Kültür Ocağı Vakfı، بىرلىك ۋەخىپىسىBirlik Vakfı، ئىلىم يايما جەمئىيىتى-İlim Yayma Cemiyeti، ئۇران ۋەخىپىسى-Uran Vakfı، تاشكەنت ۋەخىپىسى-Taşkent Vakfı ۋە ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ تىجارەت ئىشخانىلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇملاردىن ئىبارەت.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت