تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى توسۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدىڭ دەپ ئەيىبلىشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا مۇكاپات ئالماقتا
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا مۇكاپات ئالماقتا
RFA/Erkin Tarim


ئارقىدىنلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 10 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن 38 - نۇمۇرلىق ھۆججەتنى بىكار قىلىپ، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالدىدىكى پۈتۈن توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاپ، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى خۇشاللىققا چۈمدۈرگەن ئىدى. كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام نۇتۇقلىرىدا بولسۇن، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتلىرىدا بولسۇن، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا بولسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا تىلغا ئېلىپ كەلدى.

ئارقىدىن باش مىنىستىرنىڭ 2012 - يىلى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلىشى، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ۋە نۇر بەكرىگە قىلغان سۆزلىرى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىغان ئىدى. قىسقىسى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. بىراق، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاچقۇزماسلىققا ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنى توسۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنى ئۇيغۇرلار قانداق چۈشىنىشى كېرەك؟ بۇ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر ؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتوتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت