دوكتۇر سالچۇق چۇلاقئوغلۇ 'بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى' ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى

مەركىزى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تۈر بېتىدە 2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى ، 'بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ' دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ  ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺳﺎﻟﭽﯘﻕ ﭼﯘﻻﻗﺌﻮﻏﻠﯘ  ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺳﺎﻟﭽﯘﻕ ﭼﯘﻻﻗﺌﻮﻏﻠﯘ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
RFA Photo / Arslan

بۇ ماقالىنى مەزكۇر ئىدارىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر سالچۇق چۇلاقئوغلۇ يازغان بولۇپ، ماقالىدا، ئاساسلىقى تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 1997 ‏- يىلدىن 2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئىيۇلغىچە بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى خۇلاسىلاپ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: "تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھگۈلنىڭ 23 ‏- ئىيۇندىن 29 ‏- ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى، كۆپ ساھەدە بەك مۇھىم ئەھمىيەتلىك ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يوقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايتتى. ئەمما بۇ زىيارەتتىن بىر ھەپتە كېيىن، يەنى 2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ھېچ كۈتۈلمىگەن بىر سۈركىلىش پەيدا قىلدى. يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە ھەم ئەنقەرە ھەم بېيجىڭ دەسلەپتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈركىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇندى، كېيىن ھازىرقى سۈركىلىش ۋەزىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماستىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەنمەكتە. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىش توختىماي داۋام قىلماقتا ۋە ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى كېلىپ كېتىپ ئۇچرىشىشنى داۋام قىلماقتا. 2009 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 14‏- ۋە 15 ‏- كۈنلىرى خىتاي خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ۋەكىلى ما جۇڭگاڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيىگە كەلدى ۋە خەلقئارا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنى زىيارەت قىلدى. خىتاي تۈركىيىنىڭ ھەم ھازىرقى سىياسىتىنى چۈشىنىشكە ھەمدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشەلمەيدىغان ساھەلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن جىددى بىر خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۇ نۇقتىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 20 يىلدا كەلگەن نۇقتىغا دىققەت بىلەن قاراپ تەھىلىل قىلىش كېرەك ۋە بۇ يەردىن ئاتلىنىپ تۈركىيە ئۈچۈن بىر خىتاي ئىستىراتىگېيىسى بەلگىلەش كېرەك."

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى 1990 ‏- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە چوڭقۇرلاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەنقەرە خۇسۇسەن 1997 ‏- يىلىدىن ئېتىبارەن بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئستىراتېگىيىسىنى بەلگىلەش بىلەن بىرلىكتە ، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەردە بىر يۈكسىلىش بولدى. 1997 ‏- يىلدىن 2009 ‏- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىلدە ئومۇمىي جەھەتتە ئېيتقاندا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قىزىقىۋاتقانلىقى چۈشىنىشلىك ئەمما تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىش نۇقتىسىدا بىرى ئىقتىسادى يەنە بىرى سىياسىي جەھەتتە ئىككى چوڭ مەسىلە كۆزگە كۆرۈلمەكتە. ئىقتسادىي جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان تىجارىتىدە چوڭ بىر تەڭپۇڭسىزلىق بولىشى، 2008 ‏- يىلدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان تىجارەتتە تۈركىيىگە تەخمىنەن 15 مىليارد دوللارلىق تەڭپۇڭسىزلىق بولغان."

ماقالىدا يەنە خىتاي ‏- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئىقتىسادىي مەسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە زىيان تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاينىڭ 2001 ‏- يىلى دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە ئەزا بولىشى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت تىجارىتى تۈركىيىنىڭ زىيىنىغا داۋام قىلغان، تەڭپۇڭسىز تىجارەت يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان. 1997 ‏- يىلى ئەنقەرەنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ، تېزلا يۈكسەلگەن خىتايدىن ، خىتاي بازىرىدىن پايدا ئېلىش ئىدى. ئەمما، تۈركىيە خىتايدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمىغاندىن سىرت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە بەزى تىجارەت شىركەتلىرى چوڭ زىيانغا ئۇچرىدى ۋە بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان بولدى. بۇ سەۋەپتىن ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھگۈل 2009 ‏- يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇ ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئاساس قىلغان. ئەنقەرە بۇ نۇقتىدا خىتايلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشنى، سودا ‏- تىجارەت سەرمايىسىنىڭ تۈركىيە ئىقتىساد ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىشىنى ۋە خىتاي ساياھەتچىلەرنى تۈركىيىگە يۈزلەندۈرۈشنى كۈتمەكتە ئىدى. بېيجىڭ بۇ ھەقتە ئەنقەرەگە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ ، ھازىرغىچە ھېچقانداق قەدەم باسمىدى. بۇ زىياننى تۆلەش سىياسىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم."

ماقالىدا يەنە، تۈركىيە خىتاي ‏ مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: "ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئەڭ مۇھىم سىياسى مەسىلە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. ئەنقەرەنىڭ 1997 ‏- يىلى قوللانغان شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى 2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ئەنقەرە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يېتەرلىك ھالدا، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە كۇلتېر (مەدەنىيەت) ھوقۇقلىرىنى بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ، بىر خىتاي سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە ئىدى. ئەمما ئۆتكەن قېتىم كۆرسەتكەندەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىدىن بەك تۆۋەندە قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي تۈركىيىنىڭ ۋەياكى ھەر قانداق بىر خەلقئارا ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كۆزەتچى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىدى. بۇ ھەقتە ئەنقەرەنىڭ بېيجىڭنى قانائەتلەندۈرۈش ۋاستىلىرى بەك ئاجىز كەلدى. تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشى ۋە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈشى ئېھتىمالغا يېقىن، ئىككى دۆلەت رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق قىلىشالايدۇ، بۇنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇداپىئە ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىلىرىدا ئورتاق ئىش پىلانلىرىنى لايىھىلەش ئېھتىماللىقى بار، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن داۋام قىلىشى كۆرۈلمەكتە. شۇ سەۋەپتىن تۈركىيە ‏- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركسىتان سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سىياسى كرىزىسلەر ئۈچۈن تەييار بولىشىمىز لازىم. تۈركىيىنىڭ خىتاي ئىستىراتىگېيىسى بۇ تۈرلۈك خەتەرلەرنى ياخشى چۈشىنىپ بەلگىلىنىشى كېرەك."
 
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى دوكتۇر سەلچۇق چولاقئوغلۇ ئادنان مەندەرىس ئۇنىۋېرسىتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا خەلقئارا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئاپتور، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ئابدۇللاھگۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدا ئابدۇللاھگۈلغا ھەمراھ ئۈرۈمچىگە بىللە بارغان ئۆمەكتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت