تۈركمەن باشى خىتاي بىلەن گاز ئويۇنى ئوينىدى

2006-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
turkmenistan-sepermurat.jpg
تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ. AFP

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خىتايلار تارىختىن تارتىپ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تۈركمەن دۇلدۇلىنى سوغا قىلغاندىن سىرت يەنە كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىشكە شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇددىئا قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنى خىتايغا ئوخشاش تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ھېسابلاپ، خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاشخاباد-بېيجىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئېنېرگىيە ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىستراتېگىيىسىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دىپلوماتىيىسىدە قەدەممۇ-قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرى كېيىن قىرغىزىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش بويىچە ھەمكارلىق ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما تېخى تۈركمەنىستان بىلەن بۇ ساھەدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلمىغان ئىدى. تۈركمەن باشى دەپ ئاتالغان پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بېيجىڭ رەھبەرلىرىگە ئېنېرگىيە ساھەسىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچىمۇ خۇشاللىنارلىق نەتىجە ئېلىپ كەلدى. تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەممە دۆلەتلەرنىڭ دېگۈدەك تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە خىتاي بىلەن ئورتاق قارشى كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقى رەسمىيەت نۇقتىسىدىن شەكىللىنىپ بولدى دەپ ئېيتىشقا بولسا كېرەك.

خىتاينى خوشال قىلغان چوڭ نەتىجىلەرنىڭ يەنە بىرى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى

تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمى خەلقئارا ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى بەكرەك قىزىقتۇرغان نۇقتا بولۇپ، بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئېنېرگىيىسىدە ئەزەلدىنلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقان رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا موسكۋادىن تارقىتىدىلىدىغان " ئۇترو.رۇ" ئىنتېرنەت تورىدا "تۈركمەن باشى خىتاي بىلەن گاز تەۋەككۈلچىلىك ئويۇنى ئوينىدى" دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە سەپەر مۇراتنىڭ ئۆز تەبىئىي گازلىرىنى ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن يېڭى يوللارنى ئىزدەۋاتقانلىقى، مانا ئەمدى خىتاينى تاپقانلىقىنى كۆرسىتىلگەن. رۇس ئېنېرگىيە مۇلاھىزىچىسى ئانتون درۇژىنىن ئۆز ماقالىسىدە خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ گەرچە گاز تۇرۇبا لىنىيىسى ياتقۇزۇپ، خىتايغا تەبىئىي گاز ماڭدۇرۇشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن نۇقتىلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خىتايغا ماڭدۇرىلىدىغان گازلار تېخى تېپىلمىغان

ماقالە ئاپتورى ئانتون درۇژىنىننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە تۈركەمنىستاننىڭ خىتايغا تەبىئىي گاز سېتىشى ئەلۋەتتە ئەتىلا باشلانمايدۇ. 2009-يىلىغا كەلگەندىلا گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇلۇپ، 30 يىل ئىچىدە خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تۈكمەن گېزى ماڭدۇرۇلماقچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېخى خىتايغا ئەۋەتىلمەكچى بولغان بۇ گازلار قىدىرىلىشى كېرەك بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمدە تۈركمەنىستان-خىتاي گاز تۇرۇبا بازىسىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى بارلىق گاز مەنبەلىرىدە ئورتاق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭى مەنبەلەرنىڭ قاچان نەتىجە بېرىشى بىر مەسىلىدۇر.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىدە گاز باھاسى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە يوقلۇقىنى، كەلگۈسىدە باھا مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.

تۈركمەن-خىتاي پىلانىغا توسالغۇ ئامىللار

جۇغراپىيىلىك ئامىل

رۇس مۇتەخەسسىسى خىتاي بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ گاز تۇرۇبا ياتقۇزۇپ، خىتايغا گاز ماڭدۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشماي قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر قانچە مۇھىم ئامىللار قاتارىدا جۇغراپىيىلىك ئامىلنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاقلاشقان يەكۈنلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا بىۋاسىتە دۆلەت چېگرىسى يوق. ئىككى دۆلەتنىڭ گاز تۇرۇبا يولى يا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ ئىككىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ياكى بولمىسا، پۈتۈن ئافغانىستاندىن ئۆتۈش لازىم. ئافغانىستاندىن ئۆتۈشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە تېخى تىنچ ۋەزىيەت يوق ھەمدە ئېگىز تاغلار كۆپتۇر. شۇڭا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندىن ئۆتۈشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ھەم تۈركمەنىستانغا ئەشۇ ئىككى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بىلەن گاز تۇرۇبا يولى مەسىلىسىدە سۆزلىشىشكە ھەمدە ئۇلارغا تۆلەم تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال گاز باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن گاز كېلىشىمى

رۇس مۇتەخەسسىسى ئانتون درۇژىنىن خىتاي ئۈچۈن پاسسىپ يەنە بىر ئامىلنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۈركمەنىستان خىتايغا قايسى گازلارنى ماڭدۇرىدۇ؟ چۈنكى يىلىغا 30 مىليارد كۇبمېتىر دېگەن سان ئۇنچە ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تۈركمەنىستان رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە، ئىران قاتارلىق ئەللەر بىلەن گاز كېلىشىمى تۈزۈپ بولغان. ئۆتكەن يىلى تۈركمەنىستان ئاران 60 مىيارد كۇب مېتىر گازغا ئېرىشكەن، بۇ يىل رۇسىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە ئىران بىلەن 78 مىليارد كۇبمېتىرلىق گاز كېلىشىمى تۈزگەن. 2009-يىلىغىچە تۈركمەنىستان بۇ سانلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى گاز قېزىپ چىقالامدۇ؟ ئاپتور خىتاي-تۈركمەنىستان گاز ھەمكارلىق پىلانىغا توسالغۇ بولۇش ئېھتىماللىقى بار مۇھىم تاشقى ئامىل- رۇسىيە ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، رۇسىيە تۈركمەنىستان گېزىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولۇپ، 2003-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 25 يىللىق مۆھلەت بىلەن گاز ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن. رۇسىيىنىڭ "گازپروم " شىركىتى كېلىشىم بويىچە ھازىر يىلىغا 60 مىليارد كۇبمېتىر تۈركمەن گېزىغا، 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن 80 مىليارد كۇبمېتىرغا ئېرىشىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، يەنە ئۇكرائىنىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدىمۇ زور مىقداردا كېلىشىم بار. ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، تۈركمەنىستان ئۆز گازلىرىنى كىمگە ساتىدۇ ؟ خىتايغىمۇ ياكى رۇسىيىگىمۇ ؟

سەپەر مۇراتنىڭ ئويۇنى

ئانتون درۇژىنىن ماقالىسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنىڭ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتايغا غەربىي سىبىرىيە تەبىئىي گازلىرىنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشقا ماقۇل بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن گاز ئويۇنى ئوينىغانلىقى شۇ ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ ياۋروپاغا ماڭدۇرىغان گېزىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرمەكچى بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ، تۇركمەنىستان پرېزىدېنتىنىڭمۇ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، گاز سېتىشقا ماقۇل بولۇش ئارقىلىق خىتاينى رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئالدىدىكى كوزۇر قىلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن بولۇۋاتقان سودىدا گاز باھاسىنى ئۆستۈرمەكچى بولغانلىقىنى، قىسقىسى تۈركمەن پرېزىدېنتىنىڭ بېيجىڭ بىلەن تۈزگەن مەزكۇر كېلىشىمىنىڭ پەقەت تەۋەككۈلچىلىك ئويۇنىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت