مۇتەخەسسىسلەر تۈركمەنىستان - خىتاي تەبىئىي گاز كېلىشىمى ھەققىدە توختالدى

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش كېلىشىمى ھازىرلاندى. ئەگەر كېلىشىم ئەمەلىيلەشسە، تۈركمەنىستان خىتاي ئېھتىياجلىق بولغان تەبىئىي گاز سەرپىياتىنىڭ يېرىمىنى تەمىنلەيدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. ئانالىزچىلار بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا تايىنىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-11-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركمەنىستان ئىشچىلىرى خىتاي، تۈركمەن ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتى ئاستىدا ئالقىش قىلماقتا
تۈركمەنىستان ئىشچىلىرى خىتاي، تۈركمەن ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتى ئاستىدا ئالقىش قىلماقتا
AFP

تۈركمەنىستان بىلەن خىتاي چارشەنبە كۈنى ئىمزالىغان تەبىئىي كېلىشىمى پرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ 4 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي ئىگىلىكىنىڭ تۈركمەن تەبىئىي گازىغا بولغان تايىنىشى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. كېلىشىم بويىچە تۈركمەنىستان خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى زور مىقداردا كۆپەيتىپ، گاز تەمىناتىنى يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ئېھتىياجلىق بولغان تەبىئىي گاز سەرپىياتىنىڭ يېرىمىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەزكۇر كېلىشىم دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شۇ كۈنكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تۈركمەنىستان بۇ يىل مەزكۇر تۇرۇبا يولىدىن تۈركمەنىستان بۇ يىل خىتاينى 17 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن.

ئىككى تەرەپ چارشەنبە كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن تۈركمەنىستان كېلەر يىلدىن باشلاپ، خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان گاز مىقدارىنى يەنە 25 مىليارد كۇب مېتىر كۆپەيتىپ، يىللىق تەمىنات ھەجمىنى 40 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزىدۇ. كېلىشىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كېلەچەككە ئائىت پىلان بولسا كەلگۈسى 4 يىلدا خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى 65 مىليارد كۇب مېتىرغا چىقىرىشتۇر. بۇ دېگەنلىك يەنە 4 يىلدىن كېيىن خىتاي يىللىق تەبىئىي گاز سەرپىياتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمىنى تۈركمەنىستاندىن ئىمپورت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم مەزكۇر تۇرۇبا يولى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىپ، ئېنېرگىيە تەمىنات لىنىيىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتتى.

بەزى ئانالىزچىلار ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۈركمەن - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ يىلدا بۇنچىلىك زور ھەجىمدىكى تەبىئىي گازنى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى ئايرىم بىر مەسىلە، دەپ كۆرسىتىدۇ. بىراق تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، تۈركمەن - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئانالىزچىلار مەزكۇر كېلىشىم تۈركمەنىستانغا پايدىلىق، بىراق رۇسىيىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھاجىئۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئەركىن بۇ كۆز قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۆنى كۆرۈشۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇقىم ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇشقا قوشۇلغان. لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىم تەبىئىي گاز توختامى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە خىتاينىڭ تۈركمەنىستاننى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ تەبىئىي گاز قېزىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش، بىخەتەرلىك، ئەتكەسچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى بەزى كېلىشىملەرنى ئىمزالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بولۇپمۇ بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ چارشەنبە كۈنى يەنە خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭجيەنجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەركىن ئەكرەم، گەرچە خىتاي مەزكۇر تۇرۇبا يولىدىن مەلۇم پايدىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەنزىلدە خىتاي ئۈچۈن نۇرغۇن خەتەرلىك ئامىللارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تۈركمەنىستان ئىككى دۆلەتنىڭ 2009 - يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن مۇساپىسى1700 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى. لېكىن خىتاي مەزكۇر تۇرۇبا يولىغا يەنە مەبلەغ سېلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى سانائەت رايونلىرىغا قەدەر ئۇزارتىپ، 8700 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلگەن ئىدى. بەردىمۇھەممەدوۋ پەيشەنبە كۈنى تۈركمەن گازىنى توشۇيدىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ پۈتۈپ چىقىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. مەزكۇر تۇرۇبا يولىدا بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ رەسمىي گاز يۆتكەشكە باشلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت