ئالىم سېيىتوف : 2012 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولدى

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن 2012 - يىلىدىمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسىي پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بىز 2012 - يىلى ئاياقلىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە مانا بۇ مۇھىم پائالىيەتلەرنى بىر ئەسلەپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆز قىلدى. 2011-يىلى 30-نويابىر، شۋېتسارىيە.
RFA/Erkin Tarim


ئالىم سېيىتوف ئەپەندى 2012 - يىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى ئۈچۈن يەنە بىر پارلاق يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىغان پروگرامما دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرماقتا. مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسۇن، مەيلى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات، جەمئىيەتلەر بولسۇن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشى، تېخىمۇ زورىيىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى ئالغا سۈردى. رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرگە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم شۇنداقلا ئۇ ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىىشلارنى ئېلىپ باردى.

ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ياۋرۇپا پارلامېنتىدا يەنە «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 23 - ئاپرېل ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.... يەنى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار يېڭى - يېڭى كۈنتەرتىپلەر توختىماي مەيدانغا كېلىپ تۇردى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ ھەقتە، بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە نەزەر تاشلىغاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئەسلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئىككى چوڭ ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى خىتاينىڭ قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي 14 - ماي كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا داغدۇغىلىق باشلانغان. 18 دۆلەتتىن كەلگەن 120 دىن ئارتۇق ۋەكىل جەمئىي بىر ھەپتە بويىچە ئاسىيادىكى دېموكراتىيە ئۈلگىسى بولغان بۇ دۆلەتتە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم قارارلارنى ئالغان ئىدى. قۇرۇلتاينىڭ 3 - كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە رابىيە قادىر خانىم تولۇق ئاۋاز بىلەن قايتىدىن د ئۇ ق رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلىمى بولسا 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن. سايلامدا ئۆزىنى تىزىملاتقان 90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئەركىن بېلەت تاشلىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئالىم سېيىتوف قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. باشقا 6 كىشى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. بۇ كۈنى كالىفورنىيىدىمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، بېلەت تاشلانغان. رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلانغان ئىدى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ خىل دېموكراتىك سايلاملارنىڭ دېموكراتىيىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، 2012 - يىلىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرى جەھەتتىن بەرىكەتلىك بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىرگە، ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت