" ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى

2008-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا خەتەرلىك ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر يولۇچىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلاننى پارتلاتماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ يولۇچىنى بويسۇندۇرغانلىقىنى ۋە ئايروپىلاننىڭ لەنجۇغا ئامان - ئىسەن قوندۇرۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دائىرىلەر ۋەقەنى تېررورچىلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى ھەرىكىتى، دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ قولى بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. مەزكۇر ۋەقە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، شۇ كۈنلەردىكى ئەڭ جىددىي خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر "ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى"نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلمىدى. بۇ ئەھۋاللار بارا - بارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

" بەزىلەر ئۆلە -تىرىلىشىغا قارىماي ئولىمپىك يىغىنىنى بۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ "

خىتاي ھۆكۈمىتى خەتەرلىك ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان يولۇچىلار ئايروپىلانى جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 لاردا ئۈرۈمچىدىكى دىۋوپۇ ئايرودرومىدىن قوزغالغان بولۇپ، ئايروپىلان جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ بېيجىڭغا قاتنايدىغانCZ6091 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئىدى. بۇ ۋەقەنى شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ئاشكارىلاپ، بۇ ۋەقەنى ھاۋا قاتناش پاجىئەسى پەيدا قىلىش يولىدىكى ئۇرۇنۇش، دەپ تەكىتلىگەن ھەم ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەنى ۋاقتىدا بايقىۋالغانلىقىنى، ئايروپىلان، يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسى ئامان - ئىسەن لەنجۇغا قونغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن ئۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانى، ئايروپىلاننى پارتلاتماقچى بولغانلارنىڭ كىملىكى، قايسى تەشكىلات، پارتلىتىش مەقسىدى، ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئۇلارنى قانداق بويسۇندۇرغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. ئۇ، خوڭكوڭدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىدە بىر مۇخبىرنىڭ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلارمىدى؟ دېگەن سۇئالىغا بېشىنى لىڭشىتقان ھەم ۋەقەنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن باغلاپ، " بەزىلەر ئۆلە -تىرىلىشىغا قارىماي ئولىمپىك يىغىنىنى بۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

" گۇماندارلارنىڭ بىرى 18 - 19 ياشلاردىكى ئۇيغۇر قىزى "

بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دىۋوپۇ ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك باشقارمىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن مەزكۇر باشقارمىسىدىكى نۆۋەتچى خادىم بۇ ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى خالىمىدى. ئۇ، " ئايروپىلاندا خەتەرلىك ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. لېكىن بىزگە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئۇقتۇرمىدى. ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىم سىز بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. مەن ۋەقەنى گېزىتتىن ئوقۇدۇم. شۇڭا بۇ توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيمەن " دەپ كۆرسەتتى.

ھازىرغا قەدەر ۋەقە سادىر قىلغۇچى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بەرگەن گېزىتلەرنىڭ بىرى"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى"دۇر. مەزكۇر گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، گۇماندارلار ئاز دېگەندە 2 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى 18 - 19 ياشلاردىكى ئۇيغۇر قىزى. بېيجىڭدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر مەزكۇر گېزىتكە بىر نەپەر ئايروپىلان كۈتكۈچىسىنىڭ سۇس بېنزىن پۇرىقى پۇراپ قالغانلىقىنى ۋە 18-19 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر يولۇچى قىزنى گۇماندار سۈپىتىدە سوراققا تارتقانلىقىنى ھەم گۇماندارنىڭ شۇ جايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۇتقۇنلار ئىچىدە يەنە بىر يولۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ ۋەقەنى تېررورچى ھەرىكەت، دەپ مۇقىملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" ئولىمپىك يىغىنى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، دېسە تازا ئىشەنچلىك ئەمەس "

ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە باغلاش خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەردە گۇمان قوزغىماقتا. ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى فاڭ جۆي، خىتاي دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىنى كۆپتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ۋەزىيەت تەھلىلچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. رادىئومىزغا "جۇڭگونىڭ ئايرودروم باشقۇرۇش تۈزۈمى ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى چىڭ. بۇ دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. يۇقىرى دەرىجىدە دىكتاتۇرلاشقان، ناھايىتى چىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىدە بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى ئاز" دەپ تەكىتلىگەن فاڭ جۆي،"ئۇلارنى مىللەتچى كۈچلەر دەيلى. جۇڭگودىكى بۇ مىللەتچىلەرنىڭ كۈچىنى كۆپتۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىر ئاز تۆۋەن، ئىقتىسادى كۈچى چەكلىك. ئۇلارنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن" دەيدۇ.

خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرى فاڭ جۆي بىلەن ئوخشاش بولۇپ، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېررورچىلىق مۇتەخەسسىسى جاڭ جيادۇڭ فاڭ جۆي بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى خىتاي زىيالىلىرىنىڭ بىرىدۇر. جاڭ جيادۇڭ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " شىنجاڭدا تېررورلۇق تەھدىت مەۋجۈت ئەمەس دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى بەك جىددىي دەپ كەتكىلى بولمايدۇ" دەپ تەكىتلەيدۇ ھەم " شىنجاڭدىكى بەزى كىچىك گۇرۇھلار چەكلىك دائىرىدە ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. لېكىن ئولىمپىك يىغىنى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، دېسە تازا ئىشەنچلىك ئەمەس " دەپ ئەسكەرتىدۇ.

" ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاش ئېھتىمالى بار "

ئامېرىكىدىكى مۇلاھىزىچى فاڭ جۆي بۇ قېتىمقى ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرىنى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ پىلانى ياكى سۇيىقەستى بەربات قىلىندى، دېگەن بۇ ۋەقەدە دائىرىلەرنىڭ بەرگەن ئىزاھاتى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. مەن جۇڭگو دائىرىلىرى بىخەتەرلىك خىزمىتىدىكى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ قارايمەن. يەنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر سەن بۇ سۈيىقەستنى بەربات قىلغان بولساڭ، ئۇنى يەنە يوشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى بار ؟ شۇڭا دائىرىلەر بۇ تۈردىكى خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارا تۇتۇشى كېرەك. مۇھىمى پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشتۇر."

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى فەلىم كىن، " بىزنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى يېڭى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاش ئېھتىمالى شۇنداقلا ئولىمپىك ھارپىسىدا ئوخشىمىغان پىكىردە بولغۇچىلارنى يوقىتىش خەۋپىدۇر " دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى مارك ئەللىسون، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا "خىتاي تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھەققىدە سۆز قىلسا پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەكلىمىلەر تۈپەيلى بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر ئۈستىدە تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىمكانسىز " دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت