ئۈرۈمچىدە خىتايلار نامايىش قىلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9 - ئاينىڭ 2 - ۋە 3 - كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ ئەنسىزلىكى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ يىللاردا يۈرگۈزگەن بىر قاتار سىياسەتلىرىگە نارازى بولۇپ ئۈرۈمچىدە نامايىش ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
3 -2 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ.
3 -2 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﻤﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

2 - سېنتەبىر كۈنى كەچتە چەتئەلدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى، شەھەر ئىچىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ، قايتىدىن تولۇق ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ئىدارە - جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆيدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلغىنىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دەپ بېرىشىچە، 2 - سېنتەبىر ۋە 3 - سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتى بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمىغانلىقى، شەھەردە ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر تارقىلىپ، خەلقنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى، بۇ ئاقىۋەتلەرگە ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەلەپنامە سۇنغانلىقىنى، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىن تارقالغان خىتاي پۇقرالىرى بىلەن كوچىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل يۈز بېرىپ ئىككى تەرەپ توقۇنۇشقانلىقىنى، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن ب ب س، نيۇيورك تايمىس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى قاتارلىقلارمۇ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشى ھەققىدە خەۋەر بەردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن ئاشقاندا 1000 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقرالىرى خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق كىنوخانىسى قاتارلىق جايلارغا يىغىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار خەلق يولى، دۆڭكۆۋرۈك، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلاردا نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلاشقان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ شەھەر پۇقرالىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پۇقرالارنى مۇھىم ئىشى بولمىسا ئۆيدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىقمىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارماي قەرەلسىز تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ھازىر ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى مەكتەپلەرگە يۆتكەش ئۈچۈن رەسمىيەت ئۆتەۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 16 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا - ئانىلار نىسبەتەن يېقىن ھەم بىخەتەر دەپ قارالغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەرگە يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپ، شەھەر ۋەزىيىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىنكى ئەڭ جىددىي ھالەتكە يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدا ئۆيى بار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىنى ئەرزان باھادا ئۇيغۇرلارغا سېتىۋېتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە بۇ خىل تىنچسىزلىق داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ئەنسىزلىك ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى، ئىسپانىيە سوتى تەرىپىدىن " ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتكار" دەپ قارىلىپ، خەلقئارا قانۇن بويىچە سوتقا تارتىشقا بۇيرۇلغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ جاۋابكارلىقى ئەڭ ئېغىر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت