ئۇيغۇرلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يەر ئالدى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " خىتايدا كامېرالار كۈزىتىشنى داۋام قىلماقتا" ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئاپتور مايكىل ۋىنىس ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىگە كامېرا ئورنىتىپ، كىشىلەرنى 24 سائەت كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىگە "گەرچە بۇ كوچىنىڭ ئىسمى جەنۇبىي ئازادلىق كوچىسى بولسىمۇ، ئەمما بۈكۈنلەردە بۇ كوچىدا ئازادلىقتىن ئەسەر يوق ئىدى" دەپ باشلغان بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھىرىگە جەمئىي 47 مىڭ كامېرا ئورناتقانلىقىنى ۋە بۇ ساننىڭ يىل ئاخىرىغىچە 60 مىڭغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ، ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﺳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ، ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻛﺴﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﺎﻣﯧﺮﺍﺳﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.
www.chinadaily.com.c ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئاپتور مايكىل ۋىنىس كامېرا بىلەن نازارەت قىلىشنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ۋە ھەتتا يوق دىيەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەمما، خىتايدا بولسا بۇنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتكۈل خىتاي بويىچە ھەرقايسى چوڭ - كىچىك كوچىلار، ئاممىۋى سورۇنلار، مېھمانخانىلار، سودا - سېتىق مەركەزلىرىگە جەمئىي 7 مىليون كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ، 2014 - يىلىغىچە يەنە 15 مىليون كامېرا داۋاملىق قوشۇلىدىكەن.

ئاپتور، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 24 سائەت كۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغان ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك كۆرۈنۈش تاتالايدىغان بۇ خىل كامېرالارنى "جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، جىنايى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېررورلۇققا ۋاقتىدا زەربە بېرىشتە ئىشقا يارايدۇ" دەپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە "كىشىلىك مەخپىيەتنىڭ قوغدىلىشى" ئۇقۇمىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كامېرالار ئارقىلىق مۇقىملىقىنى ۋە ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەرنى كونترول قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلغان" دەپ بايان قىلغان.

مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، 2008 - يىلى تىبەتتە ۋە 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ھەرقايسى مەسچىت ۋە بۇدخانىلارغا كامېرا ئورناتقان، ھەرقايسى مېھمانخانىلارغا يۇقىرى كۆرۈنۈش سۈپىتىگە ئىگە كامېرا ئورنىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئورنىتىلغان كامېرالار ھەققىدە ئۇ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. ئۇلار دەسلەپتە مۇخبىر مايكىل ۋىنىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما كېيىن " كامېرالار جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ توغرىلىق دەيدىغان ھېچنىمە يوق" دەپ گېپىدىن يېنىۋالغان.

مۇخبىرنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىرغىچە 3400 ئاپتوبوس، 200 ئاپتوبوس بېكىتى، 200 چوڭ سودا - ساراي ۋە دۇكان، 270 مەكتەپ ۋە 4400 كوچىغا كامېرا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن ۋە بۇ، پۈتكۈل شەھەر قاپلىنىپ بولغۇچە داۋام قىلىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا كامېرا ئارقىلىق كۈزىتىش سېستمىسىدىن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كامېرالارغا باشقىچە كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

"ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ماڭا ناھايىتى كىنايىلىك ئاھاڭ بىلەن :" ھە، بۇ يەردە ئامانلىق بەك، بەك ياخشى. ساقچىلار ھەممە يەردە چارلاپلا يۈرۈيدۇ" دېدى، "ئەمما خىتايلار بولسا بۇ كامېرالاردىن بەك خوشال ئىكەن."

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدىكى ماقالىدىن سىرت ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە دائىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا يېقىندا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد ۋە نۇرئەلىلەرنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ماقالىنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى تىنى تران ۋاشىنگتون پوچتىسىدا ئېلان قىلغان. " خىتاي 3 نەپەر ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىسىدە، ئاپتور خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە 3 نەپەر تور باشقۇرغۇچىسىنى " دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش" جىنايىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، بۇ ئۈچ ياشنىڭ ئۇيغۇر دىيارىكى دىيارىم، شەبنەم ۋە سەلكىن قاتارلىق ئۈچ داڭلىق تور بەتنىڭ ساھىبى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتور بۇ ئۈچ تور بېكىتىنىڭ 2009 - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋېتىلىپ، ساھىبلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارغا بىر يىلدىن كېيىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

مۇخبىر تىنى تران ماقالىسىدە، ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بايانىغا يەر بەرگەن. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق لىدىرى رابىيە قادىر خانىمنى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋەقەنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت