ئۇيغۇر ئايال ئوقۇتقۇچى : ناھىيىمىزدىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلار خورلاش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتلەرگە زورلانماقتا

خوتەندىكى بىر نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان يېزا مەكتىپىدىكى مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلارنىڭ ناھىيىدىن كەلگەن كادىر - ساقچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئولتۇرۇشلارغا، مەكتەپتىكى ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى خورلاش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتلەرگە زورلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خوتەندىكى مەلۇم يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئۆزى مۇشۇ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان 2003 - يىلدىن بۇيانقى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن، كۆپ قېتىم ناھىيىدىن كەلگەن ئەمەلدارلار سورۇنىغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىپ، ئىززەت - نەپسىنىڭ خورلىنىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزا مەكتەپلىرىدە خورلۇققا ئۇچرىغان ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلار كۆپىنچە چاغلاردا، بۇ خىل خورلىنىش ئەھۋاللىرىنى باشقىلارغا تىنالمايدىكەن. بۇ خانىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلاشقا كۆپ قېتىم ئىنتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئابرويى ھەم ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزى ئۇچرىغان خورلۇقلارنى ئىچىدە بىلىپ، ئېغىر روھى ئازاپ ئىچىدە ياشىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ناھىيىلەردە ياش ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئېغىر خىزمەت بېسىمىدىن باشقا يەنە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر خىل غەيرى رەسمى نامدىكى ئولتۇرۇش - بەزمىلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەمەلدارلارغا ھەمراھ بولۇشقا زورلىنىدىكەن. يېزىدا يۈز بېرىۋاتقان خىل ئەھۋاللاردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىرەيلەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا يېزا باشلىقىنىڭ يۇقىرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈش نامىدا كەلگەن كادىرلارنى كۈتۈۋېلىش زىياپەتلىرىگە يېزا مەكتىپىدىكى ياش، چىرايلىق ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرتىپ ئېلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يېزىدىكى ھەممەيلەن بىلىدىغان، ئەمما ھېچكىم رەسمى ئىسمى بىلەن ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ كىشى ئۆز بايانىدا يەنە يېزا باشلىقلىرى ياكى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ خىل زىياپەتلەرگە بېرىشنى رەت قىلغان ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوچۇق - ئاشكارا بىر نىمە دىمىسىمۇ، ئەمما كۆپىنچى ھاللاردا باشقا يوللار ئارقىلىق ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئايال ئوقۇتقۇچى يەنە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بۇ خىل خورلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاش قارارىغا كېلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى.

بۇ خانىم بايانىدا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەلۋەتتە ھوقۇقى ھەم كۈچىگە تايىنىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ئەمەلدارلار ھەم قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق قانات ئاستىغا ئېلىنىپ قوغدىلىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل كىشىلەرنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر روھى بېسىم ھەم ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا، شۇنداقلا ئۆزىگە ئوخشاش خورلىنىشقا ئۇچراپ كېلىۋاتقان باشقا ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز قەدىر قىممىتىنى قوغداشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت