بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ شىكايىتى: «ئۇچتۇرپاندا يەر دۆلەتنىڭ، سۇ بىڭتۇەننىڭ»

ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز زېمىنىدىكى بوز يەرلەرنى ئېچىش ياكى كان بايلىقلىرىنى قېزىشقا تەمشەلگەندە، 1950-يىللاردىن بېرى «يەر دۆلەتنىڭ» دېگەن بەلگىلىمىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
1950-يىلى قەشقەرگە كۆچۈپ كىرگەن ھەربىي كۆچمەنلەر.
1950-يىلى قەشقەرگە كۆچۈپ كىرگەن ھەربىي كۆچمەنلەر.
/chuckkraus.wordpress.com

2000-يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئالدىغا يەنە بىر چوڭ توسالغۇ پەيدا بولغان. ئۇ بولسىمۇ «سۇ بىڭتۇەننىڭ» دەيدىغان غەيرىي رەسمىي بەلگىلىمىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا ماڭىدىغان سۇ مىقدارىنى قىسىۋېتىش ۋە ياكى سۇ ھەققىنى ئۆستۈرۈش يولى بىلەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تېخىمۇ تەس كۈندە قويماقتا. تۆۋەندە مانا ۋەزىيەتنىڭ بىر پاكىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يېرىگە تايىنىپ ئىلگىرى باسالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئابدۇرېھىم روزى، ئەتراپتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر سايلىقتىن 190 مو بوز يەرنى 50 يىللىق توختام بىلەن ھۆددە ئالغان. مۇناسىۋەتلىك توختام رەسمىيەتلىرىنى مىڭ تەستە پۈتتۈرۈپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 190 مو يەرگە قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىۋالغان ئابدۇرېھىم روزى، زىرائەتلىرى مايسا مەزگىلىدىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. يىللاردىن بېرى 30 يۈەندىن ئېلىنىۋاتقان سۇ ھەققى بىردىنلا 300 يۈەنگە يۈكسەلگەن.

ئۇ سۇ ھەققىنى ۋاقتىدا ھازىرلاشقا ئىمكانسىز قالغاچقا، زىرائىتىنىڭ 2-قېتىملىق سۈيى كېچىككەن، ئۈچىنچى قېتىملىقى بېرىلمىگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ زىرائەتلىرى تۇنجى يىلىلا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان.

ھەيران قالارلىقى، ئۇ بۈگۈن قىممەت باھادا پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان سۇ، ئۇ بالا چاغلىرىدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، مەھەللە كويلىرى چاپقان ئۆستەڭدىن ئېقىپ كەلگەن سۇ. نۆۋەتتە بۇ سۇنىڭ ئىگىلىرى بولسا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ۋە يېقىنقى يىللاردا ئاپەت رايونلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى.

نۆۋەتتە ئابدۇرېھىم روزى، نەچچە ئەۋلاد بوۋىلىرى تېرىپ باشقۇرۇپ كەلگەن بۇ يەرلەرنى خىتاي دۆلىتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ تېرىماقتا، تەبىئەتنىڭ ئەڭ كەڭتاشا نېمىتى بولغان سۇنى بىڭتۇەندىن سېتىۋالماقتا. ئابدۇرېھىمنىڭ مۇشۇ شارائىتىمۇ رايوندىكى ھاكىم تەبىقە تەرىپىدىن، ئۇنىڭغا ئارتۇقچە، دەپ قارالماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇرېھىم روزىلارغا راۋا كۆرۈۋاتقىنى خوجايىنلىق ئەمەس، ئىشلەمچىلىك.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت تۈسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيمەكتە. بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە، جۈملىدىن زەنجىرسىمان يۈز بېرىۋاتقان پىچاقلىق ھۇجۇملارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈپتىن قارمۇ-قارشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتاي تەرەپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى دىنىي رادىكالىزمغا باغلاپ چۈشەندۈرسە، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، رايوندىكى خەلقنىڭ ياشاش ئىمكانلىرىدىن پەيدىن-پەي مەھرۇم قېلىشىنى مەزكۇر ۋەزىيەتنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى، دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن يۇقىرىقى ئىككى خىل قاراشنىڭ ئىككىنچىسىنى دەلىللەيدىغان بىر پاكىتنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت