دىيارىم ۋە سەلكىن قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى 'قارا تۈرمىلەر'دە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا (1)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى، "ئۇيغۇر بىز، دىيارىم، قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرى، '5 - ئىيۇل نامايىشى' نىڭ كېلىپ چىقىشىدا قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىدىكى 100 دىن ئارتۇق تور بېكەتلىرى بۇيرۇق بىلەن تاقىلىش بىلەن بىللە، بۇ تور بەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى ئەھۋال ئىگىلەش باھانىسىدە تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 2005 - ﻳﯩﻠﻰ www.youku.com ﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 2005 - ﻳﯩﻠﻰ www.youku.com ﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺭﻩﺳﯩﻤﻨﻰ ﺩﯨﻠﻤﯘﺭﺍﺕ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﭘﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دىيارىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشات پەرھات، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرەلى ئېلى، باشقۇرغۇچىسى مۇھەممەت ۋە باشقا تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەم بۇ تور بەتلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى تېخىچە قاماقخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

دىيارىم تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، دىلشات پەرھات قاتارلىقلار 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تۇنجى قېتىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە شۇندىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەن. بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ھازىر قايسى تۈرمىدە قاماقلىق ئىكەنلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلىنىش خەۋىپىدە تۇرۇۋاتقان دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى، دىيارىم تور بېكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۆھمەت قىلىنىپ، بۇ تور بېكىتى ھەم ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھازىر خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلمۇرات ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا جىددىي قارىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئادالەتسىز سوتىدا سوتلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (3)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺟﻪﻣﺌﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ

Dec 11, 2009 03:07 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﯪﺗﺎ-ﯪﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ " ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﯪﺩﯨﻠﻠﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻤﯩﺰ" ﺩﯨﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﯪﻣﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟!
ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ، ﯲﺯ ﯞﺍﻗﯩﺘﯩﺪﺍ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﯮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ،ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﯮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﺋﯩﺪﻯ...
ﺧﯘﺩﺍ ﯰﻧﻰ ﯪﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ! ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﺎﻫﻪﻕ ﻳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ، ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﯪﺑﺪﯗﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯪﻟﻼﻫﻘﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻤﯩﺰ!ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﯰﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﯴﭼﯜﻥ ﯬﻣﻪﻟﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ!!!

Dec 11, 2009 01:08 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﭼﻪﺗﯭﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯬﯓ ﻣﻮﻫﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ، ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ!!!!!!!!!!!!
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯴﭼﯜﻥ ، ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺗﯩﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻧﯘﺗﯩﻘﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﯩﻼﻥ ﻻﻫﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﭘﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ،ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ!

Dec 11, 2009 12:53 AM

تولۇق بەت