ئۇيغۇر ئىلىدىكى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ مىۋىلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي يېتەكچىسى، دىن ۋە مىللەتنىڭ پىداكارى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئوت يۈرەك دىنىي ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام ئۇيغۇر ئىلىدە جەدىتىزم (يېڭىلىق) ھەرىكىتىنىڭ يېگانە بايراقدارى ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللام جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە بۇرۇختۇم بولۇپ قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزىنى ئىلىم - مەرىپەتكە ئېچىش يولىدا ھاياتىنى ئاتىغان ۋە ئاخىرى شۇ يولدا جېنىنى قۇربان قىلغان ئۇلۇغ ئالىمدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىدىكى جەدىتلىك ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا "تاتار مەدەنىيەت ئويغىنىئىشى"ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىققان شەھەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئاشۇ ئىدىيىۋى دولقۇنلاردا كۈرەش غايىسىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەنگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەمەرقەند، ئۇفالاردا مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا، دەرسلىك سۈپىتىدە تۈزگەن "ئاقائىد زۆرۈرىيە" ناملىق ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:

 -     ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
 -     ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاھالەت ۋە نادانلىق؛ئىككىنچىسى تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
 -     ئىززەت، ئابروي، قۇۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ ؟
 -     ئىلىم - مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.

جەدىتىزم ئىدىيىسىنىڭ تىكلىنىشى

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى جەدىتىزم ئىدىيىسىنىڭ تىكلىنىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: " ئابدۇلقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيىلەرنى ئايلىنىش، كۆزىتىش جەريانىدا تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا يۇرتىنىڭ، مىللىتىنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۈچۈن چوقۇم ئىشنى مائارىپتىن، مەدەنىيەتتىن باشلاش زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسى، يەنى يېڭىلاش - جەدىتچىلىق ئىدىيىسى مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى جامالىددىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەد ئابدۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇۋەت تاپقان. ئۇ 1907 - يىلى ئانا يۇرتى - قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. كۆپ يىللار چەتئەللەردە يۈرگەن بۇ ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاھالەت تۈتەكلىرى ئىچىدە بۇرۇختۇرما بولۇپ قالغان شەھەردە ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئالدى بىلەن چوقۇم نوپۇز تىكلەش، تەسىر پەيدا قىلىش، ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر مەشھۇر مەدرىسىلەرمۇ كۆپ، دىنىي ئۆلىمالارمۇ كۆپ قەدىمىي شەھەر بولغاچقا، ھەدېگەندىلا نوپۇز تىكلەش قىيىن ئىدى."

جەدىتىزم ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى

ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردە يېڭىچە ئىپتىدائىي مەكتەپلەر ئاندا - ساندا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان، ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى ئانچە - مۇنچە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، جەدىتىزملىق ئىدىيىسى مۇكەممەل شەكىللەنگەن ئابدۇلقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ ھامىيلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولغان ئاكا - ئۇكا مۇسابايىفلارنى قىزغىن قوللىغان، ئۇلار بىلەن مۈرىنى ‏ - مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرغان، مەدرىسىلەرنىڭ دوگما تەلىم - تەربىيە ئۇسۇلىنى، قارىغۇلارچە يادلاتقۇزۇشنى ئاساس قىلىدىغان ئوقۇتۇش شەكلىنى، دەۋر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىچە مائارىپ ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ماتېرىيالى جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلدى. شۇ مەقسەتتە "سەرپ - نەھۋى" ( مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس)، "تەسھىلىل ھىساب" (ماتېماتىكا ئىلمى)، " جۇغراپىيە ئىلمى"، " ئاقائىد جەۋھەرى"، نېگىزلىك ئەقىدىلەر"،"مۇتالىئە ھىدايەت ( باشلامچى ئوقۇشلۇق)، "بىدايەتتۇس سەرپ" (لېكسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس)، بىدايەتۇن نەھۋى"، " تەلىمۇس سىبيان" ( بالىلار تەربىيىسى)، "تەجۋىد تۈركى"، مىفتاھۇل ئەدەب" قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ تاش مەتبەئەدە باستۇرۇپ مەكتەب - مەدرىسىلەرنى دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى، پىداكار مۇتەپەككۇرى، ئوت يۈرەك ئالىم ئابدۇلقادىر داموللام 1924 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تاپ سەھەردە ئۆز ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستلەپ شېھىد قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش ھېسابلانغان بۇ قاتىللىق ۋەقەسى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇركەتكەن. ئاۋام چەكسىز قايغۇ ھەسرەتكە چۆمگەن، شائىرلار ئازابلىق ھېسسىياتى بىلەن مەرسىيەلەرنى يېزىشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت