ئۇيغۇر مەشرەپلىرى قوغداشقا ئېھتىياجلىق

تولۇقسىز ماتېرىياللارغا قارىغاندا ئىلگىرى يۇرت ‏- يۇرتلاردىكى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ سانى 100 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، زامانىمىزغا كەلگەندە، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي توسالغۇلار سەۋەبلىك ئاران 30 خىلغا يېقىن مەشرەپ ساقلىنىپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2008 - ﻳﯩﻠﻰ 14-ﺋﯩﻴﯘﻥ ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺩﯗﻛﯩﻨﻰ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﺭﺍﯞﺍﭖ ﭼﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ
2008 - ﻳﯩﻠﻰ 14-ﺋﯩﻴﯘﻥ ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺩﯗﻛﯩﻨﻰ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﺎﺑﺎﺑﻪﻛﺮﻯ ﺭﺍﯞﺍﭖ ﭼﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ
AFP

 مەشرەپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت -سەنئىتىنىڭ، ئۇزاق تارىختىن شەكىللەنگەن ئەدەپ ئەخلاق ئادەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ مول سورۇنى. شۇنداقلا ئەۋلادلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت مىللىي ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلەيدىغان ئوچۇق مەكتىپى بولۇپ كەلگەن. تولۇقسىز ماتېرىياللارغا قارىغاندا ئىلگىرى يۇرت ‏- يۇرتلاردىكى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ سانى 100خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ ، زامانىمىزغا كەلگەندە ، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي توسالغۇلار سەۋەبلىك ئاران 30 خىلغا يېقىن مەشرەپ ساقلىنىپ قالغان ، ھەتتا يېقىندا ئۇيغۇر مەشرەپلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك ماددىي ۋە مەدەنىيەت مىسرالىرى قاتارىغا ئېلىندى. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك قوغدىلىش ئوبيېكتى قىلىنىشى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خۇش خەۋەرمۇ؟ مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.

ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ كارتىنىسى

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل بەزمە، مۇراسىملار تارىختىن بۇيان يۇرت ‏- يۇرتلاردا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوخشىمىغان خاس ئۇسلۇپلاردا ساقلىنىپ تەرەققى قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر مەشرەپلىرى مانا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزاق تارىخلارغا ئىگە ، ئاممىۋى خاراكتېرى كۈچلۈك ، كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت-سەنئەت، ياشاش ئادەتلىرى، ئەدەپ -ئەخلاق قائىدىلىرى سىڭىپ كەتكەن، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەدىمىي كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىملىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۈرلىرىمۇ ئىنتايىن مول.
ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل سورۇن تۈزۈش ئادەتلىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ" تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېچىلىك سورۇنلىرى بولۇپ قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى كىشىلەر نۆۋەت بىلەن زىياپەت بېرىپ نەغمە ‏- ناۋا قىلىشىدۇ " دەپ بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار مەشرەپلىرىنى قەدىرلەيدۇ ، ئۇلار مەشرەپنى" ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن سەھنىسى"، " ئەۋلادلارغا مەدەنىيەت، تارىخ، ئەخلاق ئۆگىتىدىغان تەبىئىي مەكتەپ " ، " مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جانلىق ئارخىپى " ، " ئۇنىۋېرسال سەنئەت سەيناسى " ، "ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق سورۇنى " ، " ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ، ئەل نەغمىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، تارقىلىش يولى"دەپ مەدھىلەيدۇ.....

 مەشرەپ دۇنيا نەزىرىدە قوغداشقا ئېھتىياجلىق

 -15نويابىر نايرۇبىدا ئېچىلغان ب د ت نىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەيئەتلىرى يىغىنىدا، ئۇيغۇر مەشرىپى جىددىي قوغداشقا ئېھتىياجلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى. خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەشرىپىنى قوغداش ئوبيېكتى قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر قېتىم رەت قىلىنغان ئىدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى مەزكۇر ئىلتىماسنى رەت قىلىشىغا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك شارائىتنىڭ ھازىر ئەمەسلىكى سەۋەب بولغانلىقى مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەردىن لوندون ئۇنىۋېرستېتى دوكتورى رېيچىل خارىس ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ " ھازىر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا ۋە مەشرەپلىرىنىڭ چىنلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلماي ئۆزگەرتىۋىتىشى ساقلىنىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ب د ت نىڭ مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنىڭ شەرتى بىر مىللەتنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان يەردە ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش، راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ شۇنداقلا يەنە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارغا ھېچقانداق مۇتەخەسسىس سەل قارىيالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ " ئەپسۇسكى، بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلدىم، چۈنكى ئۇيغۇرلار قىيىن ۋەزىيەتتە تۇرسا، ئۇيغۇر مەشرىپىنىمۇ قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈشنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى يوق، بۇنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك " دېگەن ئىدى.

 ئامېرىكا ن پ ر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇ يىل -15 نويابىردا مەشرەپنىڭ قوغدىلىش ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش كومىتېتى مۇدىرى فرانك پروسچەيتتىن " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدىغۇ، قانداق بولۇپ ئۇنى يەنە قوغداشقا ئىلتىماس قىلىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋابەن " ھۆكۈمەتلەر بىزنىڭ كومىتېتىمىزغا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن مىللىي مەدەنىيەتلەرنى يېتەرلىك قوغدىيالمايۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ " دېگەن جاۋابلارنى بەرگەن.

مەشرەپ ئۇيغۇرلار نەزىرىدە

مەزكۇر خەۋەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلغان بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا مۇتلەق خۇشخەۋەر سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تەنقىدىي نەزەردە قاراۋاتقانلىقى مەلۇم.

يەنى بەزىلەر، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەشرەپنىڭ خەلقئارادا ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنى ساقلاپ قېلىشتىن زور ئۈمىدلەر كۆرۈنمەكتە دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ مەشرەپنىڭ يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ يەنى جىددىي قوغدالمىسا بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
بۇ ھەقتە بىز ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق ئارىسىدا تونۇلغان كۈلدۈرگە ئارتىسى ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق :

ئەلۋەتتە، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىمۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساقلىنىپ قېلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن قوغدىلىش ئوبيېكتى قىلىنىشى، ئۇنى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قوغداپ خىتاينىڭ يەنىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يوقىتىشىدىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قىلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىيالىشى مۇمكىن دەپ ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت