ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە تەتىلدىمۇ ئارام يوق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ بۇ يازلىق تەتىلدىكى ئارام كۈنلىرىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى، بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن،يازلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر كۈن، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەققىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﮭﺮﻩ
2010-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ قانداق تەتىل؟

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرى ھەمدە جايلارنىڭ ئامانلىق تورلىرىدا بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىكى كونتروللۇقىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم.

يەنى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ 26 - ئىيۇلدا چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىل باسقۇچىدا، ئۇلارنى سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يەتتە تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويغان.

يەنى تەتىل قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن رادىئو، تېلېۋىزىيىدە يازلىق تەتىلنى ئامان - ئىسەن ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات قىلىش، تەتىلنىڭ ئالدىدا ئاتا، ئانىلار يىغىنى ئېچىپ، بالىلىرىغا ياخشى قارانچۇق بولۇش، سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى ئائىلىدە چىڭ تۇتۇش ھەققىدە مەسئۇلىيەتنامە يازدۇرۇش، سىنىپ مەسئۇللىرى تەتىل مەزگىلىدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيلىرىگە قەرەللىك بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئىگىلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلامدۇ - قىلمامدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارشى ھەرىكەتلەردە بولۇپ باققانمۇ دېگەن نۇقتىلار بويىچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ تۈرگە ئايرىپ نۇقتىلىق باشقۇرۇش ئارقىلىق، مىللي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەش، ۋاقتىدا قەرەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەش قاتارلىق قاتتىق تەدبىرلەر بويىچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى بارلىق ئىش - ھەرىكەت سۆز - ئىدىيىلىرىگىچە كونترول قىلماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى"ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ئارام ئېلىشى، تەتىلنى ئامان - ئىسەن ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن " دېگەندەك سۆزلەر بىلەن شەرھىلىگەن.

"...كۆنۈپ قاپتۇق...."

مەلۇم كەنتتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزى مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيانقى 6 يىل جەريانىدا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئىدىيىۋى تەربىيىنىڭ ھەر تەتىلدە ئوخشاش داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى:

باشقا جايلاردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئارام ئالىدىغان تەتىل كۈنلىرىنىڭ ئوخشاشلا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلقىىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەننىڭ مەلۇم يېزىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزدىن، دەرۋەقە بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى :

ئوخشاش كەيپىيات

ئامانلىق تورىدا بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەننىڭ كىرىيە ناھىيىسىدە - 13 ئىيۇل كۈنى،خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدىن، باشقا شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن تەتىللىك يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى مەيدانىنى ئىگىلەش شۇنداقلا مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۇقىرىقى يەتتە تۈرلۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا ئىكەن.

قارىقاش ناھىيىسى يېڭىيەر كەنتلىك ھۆكۈمەتمۇ، 16 - ئىيۇل كۈنى، كەنتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ھەمدە ئاتا، ئانىلار بولۇپ جەمئىي 2120 كىشىگە تەتىللىك قايتا تەربىيىلەش يىغىنى ئېچىپ، يازلىق تەتىلدىكى باشقۇرۇشقا ماسلىشىشنى تەكىتلىگەن.

شۇ كۈنلەردە تۆگىچى يېزىلىق ھۆكۈمەت مەكتەپلەردە تەتىل جەريانىدا پارتىيىنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

- 7 ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ گۇما ناھىيىسىدە تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەتىلنى ئامان - ئىسەن، مۇقىم ئۆتكۈزۈش تەربىيىسى ئېلىپ بارغان، بۇ خىل سىياسىي تەربىيە 8 كۈن داۋام قىلغان، شۇنداقلا ئاتا، ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەتىل ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى بوشاتماسلىق ھەم سەل قارىماسلىق، ئىش - پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمە ھەم ھۆددىنامىلەرگە قول قويدۇرغان .

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، جەنۇبتىكى بىر قانچە يېزىلىق مائارىپ ئىدارىسى ۋە بىر قانچە مەكتەپكە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىرەر كىشى تېلېفوننى ئالمىدى. ئەمما، ئاپتوماتىك قوبۇللىغۇچتىكى سىياسىي تەربىيە تۈسىنى ئالغان ئاۋازلاردىن بۇ يېزىلاردىكى قويۇق سىياسىي كەيپىيات ئاشكارىلىنىپ تۇراتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت