خىتاي دائىرىلىرى ئافغانىستاندا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن پاكىستانلىق ئۇيغۇرنى پاناھلىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىشكە قىزىقتۇرماقتا

پاكىستاندا تۇغۇلغان قەمىردىن ئابدۇراخمان ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىت 2009-يىلى ئانا يۇرتى يەكەنگە زىيارەتكە بارغاندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا 15 كۈن قاماپ قويۇلۇپ، سوراق قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەمىردىن ئابدۇراخمان. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
قەمىردىن ئابدۇراخمان. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
RFA

ئارقىدىن ساقچىلار ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۈندىگەن. قەمىردىن ساقچىلارغا يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، دۆلىتى پاكىستانغا كەلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن ۋە جاسۇسلۇققا زورلانغانلىقىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندىكى نامەلۇم يەرلىك كىشىلەر تېلېفون ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئۇ ئايال-بالىلىرىنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېتىپ، ئافغانىستاندىكى ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. ب د ت ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئۇنى يەنە ئىزدەشكە باشلىغان ۋە ئۇنى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىشكە قىزىقتۇرغان.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

قېرـندـشـمـزگە رەخمەت.

Oct 15, 2011 10:13 PM

تولۇق بەت