4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قازاقىستاندا ئىنكاس پەيدا قىلماقتا

مەلۇمكى، ياپونىيىدە بولۇپ ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر. 2012-يىلى ماي، توكيو.
4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر. 2012-يىلى ماي، توكيو.
RFA/Erkin Tarim

بۇ قۇرۇلتاي يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان ئىشەنچ-ئۈمىدلىرىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە، خەلققە يەتكۈزۈش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەم زۆرۈرلۈكىمۇ تەكىتلەنمەكتە. بۇ جەھەتتە قازاقىستاندىمۇ بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتناشقۇچىسى، تونۇلغان سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت