ئەخمەتجان شەردىنوف قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلاندى

يېقىندا ئاستانا شەھىرىنىڭ تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك سارىيىدا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ "ئىشەنچ، ئەنئەنە، ئاشكارىلىق، تۆزۈملۈك" ماۋزۇسىدىكى نۆۋەتتىكى 16 - ئومۇمىي يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010-10-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻥ. ﻧﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻳﯧﻒ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺳﺴﺎﻣﺒﻠﯧﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ  "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ" ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺷﻪﺭﺩﯨﻨﻮﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻥ. ﻧﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻳﯧﻒ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺳﺴﺎﻣﺒﻠﯧﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ" ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﺷﻪﺭﺩﯨﻨﻮﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ.
http://www.kazpravda.kz ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

يىغىنغا 70 مەملىكەتنىڭ ۋەكىللىرى، دىپلوماتىيىلىك ۋاكالەتخانىلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى، قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئىجرائىي ئورگانلىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ۋە رايونلۇق ئېتنو - مەدەنىي بىرلەشمىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت دېپۇتاتلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە دىنىي كونفېسسىيىلەر ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

ئاستانا يىغىنىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ رەئىسى، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ 15 يىللىق تەۋەللۇدى بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى.

ئۇ، قازاقىستان دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا، خەلقلەر دوستلۇقى ۋە بىرلىكىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكتىن، قازاقىستان خەلقىنىڭ مەقسەت ۋە ۋەزىپىلىرى بىر نىشانغا - قازاقىستاننىڭ گۈللىنىشىگە، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ھۆرمىتىنىڭ ئۆسۈشىگە، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش - تىرىكچىلىكى دەرىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ تەمىنلىنىشىگە قارىتىلغانلىقتىن قازاقىستاننىڭ بۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت بۇ جەرياندا دۆلەت ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلق ئاسسامبلېيىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇلۇق قەدرىيەتنىڭ مەزكۇر ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە زېمىن ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پرېزىدېنت ن. نازاربايېف خەلقئارادىكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېتنوسلار ئارا توقۇنۇشلار، ئۇلارنىڭ كېلىپ - چىقىش سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش، ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزلەش، خەلقلەر ۋە دۆلەتلەر ئارا دوستلۇقنى ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

يىغىندا سۆزگە چىققۇچىلار پرېزىدېنت ن. نازاربايېفنىڭ ئاسسامبىلېيىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىشىغا، ئەلنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە خەلقلەر ۋە دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنى ۋە رازىمەنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

شۇنداقلا مىللىي بىرلىكنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىپ ھەسسە قوشقىنى ئۈچۈن ئاسسامبىلېيىنىڭ بەزى ئەزالىرى "قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ جەمئىيەتلىك 'بىرلىك' ئالتۇن مېدالى" بىلەن مۇكاپاتلاندى ھەمدە ئاسسامبىلېيە رەئىسىنىڭ يېڭى ئورۇنباسارلىرى سايلاندى.

بۇ لاۋازىمغا قازاقىستان ئوكرائىنلىرىنىڭ رادا ئىتتىپاقىنىڭ پرېزىدېنتى يۇرىي تىموشېنكو ۋە "ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى" جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شەردىنوف سايلاندى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

  
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت