د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

2006-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 30 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان بىر ھەپتىلىك ياپونىيە زىيارىتىنى نەتىجىلىك تاماملاپ، 5 – نويابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. ياپونىيىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، ياپۇنىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەس`ئۇللىرى، خىتاي ھەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، مەتبۇئات ساھەسى ۋە سودا – سانائەت ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، شۇنداقلا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، زىيارىتىمىز داۋامىدا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيىدىكى مەشھۇر Yomiuri Shimbu ۋە Mainichi Newspapers" " ھەمدە "ياپونىيە مەدەنىيەت تېلېۋىزىيە قانىلى" قاتارلىق گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياپونىيە خەلقىگە ئاڭلاتقان.

11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، ياپونىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە توكيو فوندىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات" يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، مائارىپ، دىن ۋە ئېكولوگىيىلىك ئەھۋاللىرى ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇماتلار بەرگەن. بۇ پائالىيەتكە؛ ياپونىيىلىك كارخانىچىلار، سودىگەرلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى، مەتبۇئات خادىملىرى بولۇپ كۆپلىگەن كىشى ئىشتىراك قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 30 – ئۆكتەبىر كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا يەنە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياپونىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى مۇھىم ئەربابلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىن ياپونىيىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مۈمكىنچىلىكى بار – يوقلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاپ بەردى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى، چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت