ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۆرۈشى ۋە قەشقەرنىڭ كەلگۈسى

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت كۆپلەپ ماقالە يېزىشقا باشلىدى، بەزى يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ھەققىدە توختالسا بەزى يازغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش يوللىرىنى ئىزدەنگەن ئاساستا ماقالە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﻣﺎﻳﻜﯩﻞ ﯞﺍﻳﻨﯩﺲ ﻧﯩﯔ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﻪ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯧﻨﺠﯩﻨﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﻣﺎﻳﻜﯩﻞ ﯞﺍﻳﻨﯩﺲ ﻧﯩﯔ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﭽﻪ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯧﻨﺠﯩﻨﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ www.nytimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﻣﺎﻳﻜﯩﻞ ﯞﺍﻳﻨﯩﺲ

2009 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى، 21 ‏- ئەسىر تۈركىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە، يەنى،  http://www.21yyte.org دا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۆرۈشى ۋە قەشقەرنىڭ كەلگۈسى' دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى تۈركىيە مىللى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق رەئىس ۋەكىلى ئەلى كۈلەبى ئەپەندى يازغان.

ماقالىدە ئاساسلىقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇچۇق ئاشكارا قارشىلىشىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئىستىراتېگىيىلىرىگە قارشى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلار، ئۆتكەن ئىيۇل ئېيىدا قارشىلىقىنى مەيدانغا چىقىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولدى. خىتايلار سېستىملىق ھالدا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللى مەدەنىيىتىنىڭ بارغانسېرى رايونغا ئىمپورت قىلىنغان كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە بۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان مەسىلىلىرى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىدى. ۋەقەلەرنىڭ ئۇنچىۋالا ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار بولسا باشتا خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات پروگراممىسى ۋە تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىدە، خىتاي مەدەنىيىتىنى يوقىرى ئورۇندا قويۇپ تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت دەپ تەشۋىق قىلىشى، ئويغۇر رايونىغا كۆپ ساندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسلىق ئامىللاردۇر. ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بۇ سىياسەتلەر ۋە باستۇرۇشلار نەتىجىسىدە 1949 ‏- يىلى 7 % پرسەنت بولغان خىتايلارنىڭ نوپۇسى 2002 ‏- يىلى 40% پىرسەنتكە يەتكەن، 1949 ‏- يىلى 75% پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2002 ‏- يىلى 47% پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان، 13% پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان باشقا تۈرك سىستېمىدىكى مىللەتلەر 7 % پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان يەنى رايوننىڭ نوپۇسى چوڭ ھەجىمدە ئالماشتۇرۇلغان. باشقا بىر ئوقۇمدا ئېيتقاندا، 1950 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا 4 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسى بولۇپ، ئىستاتىستىكا قىلىشچە بۈگۈنكى كۈندە 70 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشقا مەجبۇرلىنىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويۇلىشى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈن ئاران 10 مىليون ئۇيغۇر ياشاۋاتىدۇ.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي مەنپەئەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلۇشى بىلەن تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش شارائىتلىرى ۋە ھەق ‏- ھوقۇق ساھەسىدە بارغانسېرى چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى، مىللىتىگە، كىملىك سالاھىيىتىگە ۋە كەلگۈسىگە قارشى بىر مەقسەتلىك سىياسەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئۇيغۇرلار 2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئايدا باشلىغان قارشىلىشىشنى داۋام قىلماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستىراتېگىيە ساھەسىدە خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئۇران، تەبىئىى گاز، نېفىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك بايلىقلار ۋە مۇنبەت يەرلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان بۇ سەۋەپتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ سېستىملىق باستۇرۇش ئاستىدا قالدى. خىتايلارنى رايونغا ئىمپورت قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاندا جىددىي بىر ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇ كۈچنى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇچۇق ئاشكارا قوللىنىپ، ھەر خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىستىراتىگىيىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئۇيغۇرلار 9 ‏- ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە قارشىلىشىش ۋە كۈرەشلىرىنى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەپبازلىقىغا قارشى باشلانغان قارشىلىق ۋە تەلەپ قىلغان دېموكراتىيە ھوقۇقلىرى خىتايلار بىلەن توقۇنۇشۇپ كوچا ئۇرۇشىغا سەھنە بولدى.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دىيىلگەن: خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇق چۈشەنچىسىنى تېررورلۇق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى بولسا ئۇچۇق بىر دەلىل پاكىت تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە نەتىجىسىز قالدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇچۇر يوللىغان ئىنتېرنېت تورلىرى 7 ‏- ئايدىن باشلاپ تاقىۋېتىلدى يەنى شەرقىي تۈركىستاندا يانغان ئوت سۇنمىدى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرى خۇجىنتاۋنىڭ 8 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۈرۈمچىدە مۇقىملىق ئەسلىگە كەلدى دەپ جار سېلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغان ئىكەنلىكى ئۇچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى 40 يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سېستىملىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئايرىمچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ قىيىنلىشىشى، خىزمەت تېپىش ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش شەرتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئىسلام دىنى پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى داۋام قىلىۋاتسا نامايىش قىلىش، قارشىلىق كۆرسىتىش، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قارىغاندا يۈز بەرمىسە بولمايدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى.
"خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى قەشقەر ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش"
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتايلارنىڭ قەشقەرنى چېقىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى شۇ سەۋەپتىن خىتايلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن ‏- مائارىپ كومىتېتىنىڭ يىپەك يولى مىراسلىرىنى قوغداش ئىش پىلانىدىن قەشقەرنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى مەقسەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دۆلىتى مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەركىزى قەشقەرنى چېقىپ 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ تۈرك شەھىرىنى ئەسىرلەردىن بىرى قىتئەلەر ئارىسى تىجارەت ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مەركىزى بولغان بۇ شەھەرنى يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكنى باھانە قىلىپ چېقىپ تاشلىماقتا. خىتاي دۆلىتى يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەركىزى قەشقەرنى ب ت د پەن ‏- مائارىپ كومىتېتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش ساھەسىدە يىپەك يولى ئىش ‏- پىلانىغا بۇ تارىخي يولنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزى بولغان قەشقەرنى بىلدۈرمىگەن. يەنى خىتايلار دۇنيا كۇلتېر تارىخىي ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرنى يوق قىلىشنى ئۇزۇن زاماندىن بىرى مەقسەت قىلغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ شەھەرنى چىقىشقا باشلىغانلىقى ئۇيغۇر تۈركلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن بېرىلىشى كېرەك بولغان مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى تارىخي شەھەر قەشقەرنىڭ چېقىشىلىغا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن دۇنيادىن ھېچ قانداق قارشىلىق كەلمىدى.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەلى كۈلەبى ئەپەندى تۈركىيە مىللى بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزى بىلەن جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ بىرلىكتە باشقۇرۇشىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان 'جۇمھۇرىيەت ئىستراتېگىيىسى' ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت