شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquette

2006-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

gunnar-yaring-1929.jpg
گۇننار ياررىڭ 1929 – يىلدا. ئۇ شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس Gustaf Raquetteنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارغا قىززىقىپ قالغان. image curtersy: The Lund University Library.

شۋېتسىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ 1894 - يىلدىن 1938 - يىلغىچە بولغان 40 نەچچە يىللىق دىن تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرى بىر تەرەپتىن شۋېتسىيىدىكى بىر تۈركۈم دۇنياغا تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى مۇرەككەپ تارىخى رېئاللىقىنى ۋە شۇ دەۋردە ياشىغان خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىنى، ياشاش شەكلى، تىل ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بارىدىغان غايەت زور مەنىۋىي بايلىقنىڭ زامانىمىزغا يىتىپ كېلىشىگە سەۋەپ بولغان.

ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان مىسسىئونېرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشىمىغان كەسىپلەردە تەربىيىلەنگەن كەسپى خادىملار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار دىنىي تەرغىبات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلار بولغان قول يازمىلارنى يىغىش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بارغان.

شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس

شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ۋە دۇنياغا تۇنۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ (Gunnar Jarring) نىڭ ئۇستازى بولغان Gustaf Raquette ئەينى زاماندا ئۇيغۇر ئېلىغا بارغان شۋېد مىسسىئونېرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1896 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن بولۇپ، شۋېد مىسسىئونېرلىرى ئاچقان دوختۇرخانىدا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر دىئالېكتىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئەسلىدە ئۇ دوختۇرلۇق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىر شەخس بولسىمۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كيىن ئۇيغۇر ئەدەبىيەتىغا بولغان قىزغىنلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە قەدەم بېسىشقا نىيەت قىلغان.

Gustaf Raquette ‏ 1907 – يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندىن كىيىن يېزىپ تاماملىغان تۇنجى ئەسىرى بولغان "شەرقى تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرى، دەريالىرى ۋە ئۇ يەردە ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ ئومومى ئەھۋاللىرى ھەمدە مىسسىئونېرلار مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەمۇرى رايونلارغا جايلىشىشى" دېگەن چوڭ ھەجىملىك ئىلمى دوكلاتىنى شۋېتسىيە دىننىي باش جەمئىيىتىگە يوللىغان. ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسى ئەينى چاغدا تاش مەتبەئەدە بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، شۋېتسىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى چۈشۈنىشىدىكى تۇنجى ماتېرىيال بولۇپ قالغان. بۇ كىتابنىڭ بىر نۇسخىسى ھازىر ستوكگولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.

Gustaf Raquette نىڭ ئەسەرلىرى

Gustaf Raquette قەشقەردا ياشىغان 25 يىل جاريانىدا بىر تەرەپتىن دوختۇرخانىدا ئىشلەپ، ئەينى چاغدىكى نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالىنىشغا كۈچ چىقارغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شۋېتسىيە مىسسىئونېرلىرى قەشقەردە قۇرغان باسمىخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سۈپىتىدە ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلەپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ 1907 يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ لايىھىلىشى ۋە تۈزۈشى بىلەن "شەرقى تۈركىستان تەۋقىم كالىندارى" يەنى يىل، ئاي، كۈننىڭ ھېسابى" دېگەن كالېندارى نەشىر قىلىپ تارقاتقان.1912-يىلى "شەرقى تۈركىستان تىلى گرامماتىكسى" نامىدا ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تىلدا سېلىشتۇرۇپ شەرىھلەنگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان.1914-يىلى Gustaf Raquette ئۆزى بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلىپ "يارغۇنلۇق: ئالتە شەھەرنىڭ روزىنامىسى" دەپ ئاتالغان زامانىۋى گېزىت "ئالتە شەھەر ئايلىق گېزىتى" نىڭ سىناق نۇسخىسىنى يولغا قويغان. ئەمما بۇ گېزىتنىڭ سىناق نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپلا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قالغان.بۇ سىناق نۇسخىسى ھازىر لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.

Gustaf Raquette ۋە گۇننار ياررىڭ

Gustaf Raquette بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورىغا دائىر يازما ئەسەرلەرنى يىغىش ، توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەنمۇ ئاكتىپ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرى شۋېتسىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەر خىل گېزىت ژورناللاردا ئىلان قىلىنىپ تۇرغان. گوستاپ رەكېت 1921-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 25 يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شۋېتسىيىدە قايتىپ كەلگەن.1924- شۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېت بولغان لۇند ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ شۇندىن باشلاپ لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيە تۈرۈكچىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان تىلى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

1926-يىلى گۇننار ياررىڭ لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ ۋە گوستاپ رەكېتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى تاللاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلايدۇ. بۇ گۇننار ياررىڭنىڭ كېيىنكى چاغلاردا دۇنياغا تۇنۇلغان ئۇيغۇرشۇناس بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى بولىدۇ.1927 –يىلى Gustaf Raquette تۇنجى "ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت" نى تۈزۈپ چىقىپ، نەشىر قىلدۇرىدۇ. گەرچە ئۇ ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە گۇننار ياررىڭدەك ئانچە كۆپ شۆھرەت قازىنالمىغان بولسىمۇ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە خىزمەت قىلىشتىن توختىمىغان.ئۇ 1945 –يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. گەرچە Gustaf Raquette شۋېتسىيىدىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇرشۇناس بولسىمۇ لېكىن شۋېتسىيە ماتېرىياللىرىدا ۋە تور بەتلىرىدە بۇ ئۇيغۇرشۇناس ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يوق دىيەرلىك .پەقەت گۇننار ياررىڭنىڭ "قەشقەرگە قايتا سەپەر"، Gustaf Raquette ۋە قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەپەندىگە يازغان خېتى" دېگەن ئەسەرلىرىدە قىسمەن ئۇچۇرلار مەۋجۇت.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت