شىۋېتسىيىدە گۇننار يارىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى خاتىرلەندى

2007-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىدە ئاتاغلىق ئۇيغۇرشۇناس ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى، تونۇلغان دېپلومات گۇننار يارىڭ ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقى خاتىرلەندى.خاتىرىلەش مۇراسىمىغا شىۋېتلار، ئۇيغۇرلار ، فىنلاندىيە ، گېرمانىيە ، فرانسىيە ۋە نورۋىگىيىدىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ جەمئىي 400 دەك كىشى قاتناشتى. مۇراسىم باشتىن ئاخىر ئۇيغۇر ۋە شىۋېت تىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىلدا ئېلىپ بېرىلدى.سۆزگە چىققۇچىلارنىڭ نۇتۇقلىرى نورۋىگىيىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى تاھىر ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تۇردى.

گۈننار يارىڭ " ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسەم تىنىم يايراپ كېتىدۇ "

بىرىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان ، ھازىر گېرمانىيىدە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بۇيىچە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندى بۇندىن 8يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ گۇننار يارىڭ ئەپەندى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى ھاياجانلىق تەسىراتلىرىنى ۋە سۆھبەت مەزمۇنىنى سۆزلەپ ئۆتتى . ئۇ سۆزىدە گۇننار يارىڭنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسكە ئالىدۇ. "مېنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرۇشۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرۈشى بىلەن ئوخشاش ، مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشسام ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشسەم تىنىم يايراپ كېتىدۇ ."

دوكتۇر ئابلەت سەمەت ئەپەندى ئۆز نۇتۇقىدا گۇننار يارىڭ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تىلىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە ئۇيغۇر تىلىغا سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ . گۇننار يارىڭ ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتى جەريانىدا گۇننار يارىڭ ئەپەندىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يەر-جاي ناملىرىنىڭ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ خىتاي تىلىغا ئالمىشىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئۈكۈنگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەتقىقاتىدا ۋە يازغان كىتابلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئىپادىلەشكە ۋە ساقلاشقا كۆپرەك كۈچ چىقارغانلىقىنى ئەسكە ئالىدۇ.

گۈننار يارىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قوليازمىلاردىن 560 پارچە كىتابنى يىغىپ ساقلىغان

دوكتۇر ئابلەت ئەپەندىدىن كىيىن سۆزگە چىققان ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بىرگىت خانىم گۇننار يارىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى تولۇقلاپ يېزىپ تاماملىغان "شەرقى تۇركىستان تىلى ۋە ئېنگلىزچە " لۇغەتنىڭ قايتا نەشرى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى . ئەسلى بۇ كىتاب گۇننار يارىڭ تەرىپىدىن 1964 ‏- يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بۇ لۇغەتنى قايتىدىن ئىشلەپ تولۇقلاپ چىققان .گۇننار يارىڭنىڭ قولىدىن چىققان 2002 بەتلىك بۇ قوليازما ھازىر ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا .

ئۇيغۇرشۇناس گۇننار يارىڭ ئەپەندى پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا قاراتقاندىن سىرت ئۇ يەنە ، ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر قوليازمىلاردىن 560 پارچە كىتابنى يىغىپ ساقلىغان بۇ قول يازمىلار ھازىر شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا" گۇننار يارىڭ يىغمىلىرى"نامىدا ساقلانماقتا.

لۇند ئونۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ،گۇننار يارىڭ يىغمىلىرىنىڭ مەسئۇلى گۇنىللا خانىم سۆزگە چىقىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ "گۇننار يارىڭ ھايات ۋاقتىدا شەرقى تۇركىستاندىن 560 پارچە قول يازمىنى ئۆز پۇلىغا سېتىۋېلىپ ساقلىغان بولۇپ ،بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 19 ‏- ۋە 18 ‏- ئەسىرگە ئائىت ماتېرىياللاردۇر ، ناھايىتى ئاز بىر قىسمى 16 - ئەسىرگە دائىردۇر . بۇ قول يازمىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ، پارىس ۋە ئەرەپ تىلىدا يېزىلغانلىرىمۇ بار . بۇلار مەزمۇن جەھەتتىن ئەدەبىيات، تارىخ، تىبابەت ، ئىجتىمائىيەت ، رىسالەشۇناسلىق قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. بۇلاردىن كېيىن فىنلاندىيىلىك يازغۇچى ماركوس نۇممى "چىنىباغ" رومانى ھەققىدە ، فرانسىيىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامىنە خانىم گۇننار يارىڭنىڭ كىتابلىرىدا ئىشىلىتىلگەن ئۇيغۇرچە يەر ناملىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى .ئۇندىن سىرت پائالىيەت داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسۇل نومۇرلىرى ئورۇندالدى.

گۇننار يارىڭ تونۇلغان شىۋېتسىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس بولۇپ 1907 ‏- تىلى شىۋېتسىيىنىڭ سكونې ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان 1929 ‏- يىلى 22 ياش ۋاقتىدا قەشقەرگە كېلىپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ۋە قوليازما يىغىش قاتارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەردە بولغان . ئۇ تاكى 2002 ‏- يىلى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى توختاتمىغان . ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن "قەشقەرگە قايتا سەپەر"،"ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە "دېگەندەك كىتابلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. (يالقۇن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت