ۋاڭ لېچۇەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۇيغۇر دىيارىغا باھار كەلگەنلىكنىڭ بىشارىتىمۇ؟

بۇلتۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىك خەۋىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەردە، ئەجەبا ئۇيغۇر دىيارىدا قار ‏- مۇزلار ئېرىش دەۋرى يېتىپ كەلگەنمىدۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن.
AFP Photo

ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 15 يىللىق سىياسى ھاياتىدا، شىنجاڭ خاقانى دەپ نام ئالغان ۋاڭ لېچۇەننىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر خىتاينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىگىگە قارىتا، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرى بىلەن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسى مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.

بەزى خىتاي مۇلاھىزىچىلىرى يېڭى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى داغلارنى يۇيۇپ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتالايدۇ دەپ قارىسا، بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر دەۋرگە ئۆتمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت