1-ئۆكتەبىردە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھەرلىرىدە نامايىش

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغانلىقى شۇنداقلا مۇستەملىكىچى خىتاي كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 63 يىل تولغان كۈنىدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2012-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
12 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﺍﻧﻜﯘﯞﯦﺮ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﯞﺍﻧﻜﯘﯞﯦﺮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
12 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﺍﻧﻜﯘﯞﯦﺮ ﺷﯚﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﯞﺍﻧﻜﯘﯞﯦﺮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
RFA Photo / Kamil Tursun

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخنى « قارا كۈن» دەپ ئاتاپ، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

بۈگۈن كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 63 يىللىق مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قەتئىي تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ۋانكوۋېردە ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت