ۋاشىنگتوندا يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلدى

پرېزىدېنت باراك ئوباما يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېچىلغان "يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى" غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا كەلگەن رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-04-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ" ﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ" ﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

پرېزىدېنت باراك ئوباما ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ھىندىستان پرېزىدېنتى مانموخان سىڭ ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ رىزا گىلانى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى جاكوب زۇما بىلەن كۆرۈشكەن. ئوباما،  تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن سەيشەنبە كۈنى كۆرۈشىدۇ.

يادرو قوراللىرى مەسىلىسى شۇنىڭدەك چېگرا ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى بىر ‏- بىرى بىلەن ئۈچ قېتىم توقۇنۇشقان ھىندىستان بىلەن پاكىستان يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانى توغرىسىدا قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، بۇ ئارىدا قازاقىستان بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا بولسا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پرېزىدېنت ئوباما مۇخبىرلارغا، ئەلقائىدىگە ئوخشاش تېررورچىلارنىڭ يادرو قوراللىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيانىڭ يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىئەلىنىش شەرتلىرىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، تېررورچىلارنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئېلىشتا ھىچ ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

يادرو قوراللىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا 47 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بەنجامېن نېتېنياخۇ ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو قوراللىرى پروگراممىسىنىڭ، بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مەسىلە بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ يىغىنغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئىسرائىل باش مىنىستىرى نېتانياخۇنىڭ ئورنىغا يادرو ئېنېرگىيىسى مەسئۇل خادىمىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، دۇنيانىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى قوللىنىش پوزىتسىيىسىنى بىلمەسلىككە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا چوقۇم پىكىر بايان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مۇزاكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەرمېنىيە پرېزىدېنتى ساركىسىيان بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سىنان ئوگان ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە ئوباما بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

مەتبۇئاتلاردا يەنە شىمالىي كورىيە، ئىران ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوباما، مالايشىيانىڭ باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشقان، شۇنداقلا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. مەتبۇئاتلاردا ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىغا ئالاھىدە يەر بېرىلگەن بولۇپ، سۆھبەتتە خىتاينىڭ ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قوللىنىش مەيدانىنى بىۋاستە قوللىمايدىغانلىقى، بۇنىڭدا باشقا بىر تاكتىكا قوللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ئەزەلدىن ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ۋاستە دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئامېرىكا مۈتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىغا قاتنىشىشى، خىتاينىڭ ئوبامانىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىسپاتلايدىكەن، شۇڭا ئوباما خۇ جىنتاۋغا كۆپ تەلەپ قويمايدىكەن.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ باراك ئوباما بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى توغرىسىدا ئۆز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەكشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ناتوغا ئەزا دۆلەت تۈركىيىنىڭ رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن سىرت يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ھەمدە ئىراننىڭ مەيدانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت