خەمىت كەرىموف مەرھۇم ئابدۇراخمان مەھمۇدىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختالدى

مەيلى كوممۇنىست خىتاي ۋە مەيلى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋرلىرىدە بولسۇن، ئۇيغۇر مىللەتچى زىيالىيلىرى، ۋەتەنپەرۋەر شائىرلىرى تامامەن ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرى بىر بولسا ھەر خىل باھانە ‏ - سەۋەبلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلسە، بىر بولسا ئۇلارنىڭ يۈرەك قېنىدىن پۈتكەن ئىجادىيەت مېۋىلىرى مەتبۇئاتلاردا چەكلىنىپ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلمىدى.

1962 ‏ - يىلى خىتاي تۈرمىسىگە تاشلىنىپ تۈرمىدە ئۇزۇن يىل ئازاب چەككەن، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئىجاد قىلغان شېئىرلىرىنىڭ بىر پارچىسىنىمۇ نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالماي تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتكەن شائىر ئابدۇراخمان مەھمۇدى، ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئابدۇراخمان مەھمۇدىنىڭ شېئىرلىرى قانداق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئارىدىن 46 يىل ئۆتكەندە ئۆزى سۆيگەن ئانا ۋەتىنى ۋە جانىجان خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىدى؟

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز تۆۋەندە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى بولغان كىشى، خەمىت كەرىموف بولۇپ، ئۇ 1962 - يىلى ئانا يۇرتى غۇلجىدىن ھىجرەت قىلىپ ئورتا ئاسىياغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن بىرىدۇر.

خەمىت كەرىموف ئەينى ۋاقىتتا، غۇلجىدا بىرگە ئۆسكەن شائىر دوستى ئابدۇراخمان مەھمۇدى ئىجاد قىلغان بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ۋەتەن ئىچىدە نەشر قىلدۇرۇش ئىمكانى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، چەتئەلدە نەشر قىلدۇرۇش ئىستىكىدە ئۆزى بىلەن بىرگە چەتئەلگە ئېلىپ چىققان.

ۋەھالەنكى، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى خەمىت كەرىموف، دوستى ئابدۇراخمان مەھمۇدىنىڭ شېئىرلىرىنى چەتئەللەردىمۇ نەشر قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسىمۇ، ھامان بىر كۈنى پۇرسەت كېلىدۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن 46 يىل ساقلايدۇ.

مەلۇم بىر سەۋەبلەر بىلەن خەمىت كەرىموف 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىغا كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە دوستىنىڭ شېئىرلىرىنى يەنە شۇ ئەزگۈ ئىستەكلەر بىلەن ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئابدۇراخمان مەھمۇدى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزدىن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىڭلار. تۆۋەندە، مەرھۇمنىڭ " يۇلتۇزلار" ناملىق شېئىرىنى سىلەرگە سۇنىمىز.

يۇلتۇزلار

ئابدۇراخمان مەھمۇدى  (1960 - يىلى نويابىر)

ئېخ يۇلتۇزلار، يانار يۇلتۇزلار،
چاراقلايسەن يىراق ئاسماندا.
كۆز تىكىمەن ساڭا كۆپ ۋاقىت،
ئەلەم - ھەسرەت مېنى باسقاندا.

نېچۈن كۆز تىكىمەن سائەت - سائەتلەپ،
تۈنلەردە ئۇيقۇ يوق نېچۈن كۆزۈمدە؟
ئاسماندا نېمە بار؟ دەيمەن بەزىدە،
سوئال بېرىپ تەنھا ئۆزۈمگە.

ئەي ... مەندىن كەتكەن سۆيگۈ جانانى،
خۇددى سەندەك پايانسىز ئۇزاق.
ئاھ يېتەلمەسمەن ئۇنىڭغا مەڭگۈ،
پۇتلىرىمدا يېتىملىك تۇزاق.

شۇنىڭدىن تارتىپ ساڭا تەلمۈرۈپ،
ئادەت بولدى بۇ سىرلىق باشقا.
كۆزۈمدىن نەم كۆرەلمەس ھېچ زات،
كۆكسۈم تولغان ئەلەملىك ياشقا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت