ۋىكىلىكس ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم سانائەت بازىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلچىلىكلىرى بىلەن يېزىشقان مەخپىي خەت - چەكلىرى ۋىكىلىكس تورى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا يەر ئالغان مەزمۇنلار دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﯞﯨﻜﯩﻠﯩﻜﺲ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 30-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ
ﯞﯨﻜﯩﻠﯩﻜﺲ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 30-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ
RFA

250 مىڭدىن ئارتۇق مەخپىي خەت - چەكتىن تەركىب تاپقان بۇ ھۆججەتلەر ئارخىپىنىڭ ھازىرغىچە ئاران مىڭدىن بىرى ئاشكارىلانغان، بۈگۈن بۇ تور بەت يەنە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق سانائەت بازىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيادا زور مۇنازىرە پەيدا قىلغان ۋىكىلىكس تورى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھۆججىتىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بارلىق سانائەت بازىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ بازىلار دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يۈزلىگەن نېفىت بازىلىرى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرى، دېڭىز ئاستى سىم يوللىرى ۋە فابرىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ بازىلار ئاساسلىق فرانسىيىدىكى سۇ ئاستى سىم يوللىرى، گېرمانىيىدىكى سۇ ئاستى سىم يوللىرى ۋە نېفىت ‏- خىمىيە بازىلىرى، ئىراق ۋە ئىراندىكى نېفىت بازىلىرى، برازىلىيىدىكى كان بازىسى ۋە تۈركىيىدىكى مېتال ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى قاتارلىقلار، بۇنىڭ سىرتىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستاندىكى كرومىت كان بازىسى، ئەزەربەيجاندىكى باكۇ - تىفلىس نېفىت تۇرۇبىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھۆججەتتە يەنە خىتايدىكى بەزى سۇ ئاستى سۇ بايلىقى مەنبەلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2009- يىلى 18 - ‏- فېۋرال كۈنى چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق بارلىق ئەلچىخانىلىرىدىن تەلەپ قىلغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن تەييارلانغان "چەتئەللەردىكى ھەل قىلغۇچ ئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە تەبىئىي بايلىقلار" ناملىق دوكلات بولۇپ، بۇ دوكلات تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئىكەن. ئەمما، ھازىر ۋىكىلىكس تەرىپىدىن ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بولغان بارلىق بازىلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ بۇ بازىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ب ب س نىڭ كۆرسىتىشىچە، تىزىملىكتىكى بۇ بازىلار ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ تىزىملىك تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن تەقدىردە بۇ بازىلار ئۈچۈن خەۋپ يارىتىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى ۋىكىلىكس زور مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پ. ج. كروۋلىي بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ۋىكىلىكستا بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئاساسىي قۇرۇلۇشلار ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا ئائىت ئىنچىكە مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋىكىلىكسنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا بۇ تىزىملىكتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئوخشاشلا خەتەر ئاستىدا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئا ب س تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىكىلىكس تورىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ھۆججەتتە، ئىراننىڭ 1980- يىللاردىكى ئىران - ئىراق ئۇرۇشىدا ئىرانغا ھۇجۇم قىلغان كۈرەشچى ئايروپىلان پىلوتلىرىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 2009- يىلى دېكابىردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان بۇ ھۆججەتتە "ئەينى ۋاقىتتا ئىران - ئىراق ئۇرۇشىدا ئىراننى بومباردىمان قىلىشقا قاتناشقان كۈرەشچى ئايروپىلان پىلوتلىرى ھازىر ئىراننىڭ قارا تىزىملىكىگە ئېلىندى. ئىران ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ 182' سىگە سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈردى" دەپ كۆرسىتىلگەن. ھۆججەتتە يەنە بۇ سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتا ئىراق ھاۋا ئارمىيىسىدە پىلوت بولغان باشقا 800 ئىراقلىقنىڭ دۆلەتنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ۋىكىلىكس يەنە، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەل - قائىدە، تالىبان قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى بۇ تەشكىلاتلارغا قارىتا ياردەمنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئانچە ئۈنۈمىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋىكىلىكستا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ئاۋسترالىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كەۋىن رود ئامېرىكىغا ئەگەر خىتاي ھەددىدىن بەك ئېشىپ كەتكەن تەقدىردە ئۇنىڭغا قورال كۈچى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  ئاۋسترالىيە سابىق باش مىنىستىرى كەۋىن رود يەنە، خىتاي رەھبەرلىرىنى تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى ھەققىدە ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر ۋە گۇمانخور دېگەن ۋە ئۇلارنى تەيۋەن مەسىلىسىدە ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. ۋىكىلىكس يەنە، ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ زورىيىش ئەھۋالىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي خەت - چەكلىرى ۋىكىلىكستا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋىكىلىكسنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلىيان ئاسسانگېغا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپول تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى. ئەمما، ئۇ ئەگەر ئۆزى قولغا ئېلىنغان ياكى زىيان ‏- زەخمەتكە ئۇچرىغان تەقدىردە تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم بولسا، يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك زىيارەتلىرىدە ۋىكىلىكستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆزلەرنىڭ ئىشەنچسىزلىكى، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە ۋىكىلىكسنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت