رابىيە قادىر خانىم: «ۋەتەن بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ...»

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ قىزى ئىگىدارچىلىقىدىكى بىنالارنى چاقماقچى بولغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯚﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﺴﻰ. ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎﻣﯘ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯚﯓ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﺴﻰ. ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎﻣﯘ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
AFP Photo

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى 29-ماي كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمغا رابىيە قادىر ئىگىدارچىلىقىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيى ۋە قىزى ئەقىدە خانىم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەقىدە سودا سارايلىرىنى چېقىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە قول قويدۇرغانلىقىنى، قانۇنسىزلىق، دەپ ئەيىبلىدى ۋە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە بۇ بىنالارنى چاقماقچى بولغان، ئەمما رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ بىنالار ساقلىنىپ قالغان ئىدى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بىنالارنى چېقىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى ۋەيران قىلىنىپ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بۇ بىنالاردىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قايتا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى بىلەن خىتاي يەنە بىر قېتىم ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت