'شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى'غا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى بايان قىلدى

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 17 - مايدىن 19 - مايغىچە بېيجىڭدا ئاچقان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دىن كېيىن، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن، چەتئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ يىغىن ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىگە قارىتا، ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-05-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﻣﺎﻳﺪﯨﻦ 19 - ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ   ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﻣﺎﻳﺪﯨﻦ 19 - ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى چى چىڭشۈن، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.

چى چىڭشۈن ئۆزىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"غا نىسبەتەن ئالقىشلاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: "بۇ قېتىم ئېچىلغان يىغىن، مەركەزنىڭ بۇ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ھەققىدە ئېچىلغان تۇنجى يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق نىشانلىق ياردەم بېرىشمۇ بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى ياردەم بېرىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مەبلەغ سېلىنمىسى ئەڭ زور، ئىنچىكە، ئەتراپلىق پىلانلانغان نىشانلار بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەققىيات پىلانى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل تەرەققىياتتىن شىنجاڭلا ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدىكى باشقا ئۆلكە ھەم شىركەتلەرمۇ مەنپەئەت ئالىدۇ."

چى چىڭشۈن سۆزىدە يەنە، خۇ جىنتاۋنىڭ "رايوندا ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" دېگەن چاقىرىقىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭچە، رايوننىڭ تەرەققىياتىدا ئەلۋەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا، رايوندا يەنە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. مەسىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىت ئامىلى، بولۇپمۇ رايوندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى قاتارلىقلار رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىدۇر، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى، جۇڭخۇا بىرلىكى ئىدىيىسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئەمەلگە ئاشىدۇ."

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ يىغىنى"غا نىسبەتەن، چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار سۆزىدە چى چىڭشۈنگە ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن، تۈركىيىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، "شىنجاڭ يىغىنى"غا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى يىغىندا خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان، "رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" شوئارىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭچە، خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ شوئار قانداقتۇر بىر يېڭى شوئار ئەمەس، بۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا "مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دېگەننى تەكىتلەپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ رايوندا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىق، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. ئەمما "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى" ۋەقەسىنىڭ پارتلىشى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ھازىر كوممۇنىست ھۆكۈمەت يەنىلا ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر كوممۇنىست ھۆكۈمەت رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە شوئارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ."

ئالىمجان ئەپەندى، يىغىندا خۇ جىنتاۋ تەكىتلىگەن "ئاز سانلىق مىللەتلەردە جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك" دېگەن سۆزگە نىسبەتەن، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بولسا خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزىنى خىتايدىكى "چوڭ خىتايچىلىق" ئىدىيىسىنىڭ كومپارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىدە ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دەپ جاكارلايدۇ، ئەمما ئۆز سىياسىتىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. خىتايدا ھازىر چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، كوممۇنىست پارتىيە بۇنى خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇشنى ئالايلى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ ئاپىرىپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات چەمبىرىكىنى تارايتىۋەتتى. بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا چوڭ خىتايچىلىق پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى سەۋەبىدىن، رايوندىكى يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە باشلىدى. ھازىر رايوندىكى مىللىي زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى. بۇنىڭ زىيىنىنى رايوندىكى كۆچمەن خىتايلار تارتىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن 'جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش' تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي كىملىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ خۇددى تۆگە قۇشىنىڭ بېشىنى قۇمغا پاتۇرۇۋېلىپ، قۇيرۇقى بىلەن كارى بولمىغانلىقىدەكلا ئىش بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەدەنىيىتى، ئېتىقادى، تىلى بار مىللەتلەر. ئەسلى ئۇلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىك ئەنئەنىسى بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، ئۇلارغا ھەقىقىي باراۋەرلىك بەرگەندىلا، ئاندىن رايوندا كوممۇنىست پارتىيە ئارزۇ قىلغان 'ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك' ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. ئەمما ھازىر كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدىمۇ ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ، چوڭ خىتايچىلىق نەزەرىيىسى بويىچە ئۇلارغا 'جۇڭخۇا كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى' بولۇۋاتىدۇ. بۇ تېخىمۇ زور نارازىلىقلارنىڭ كېلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن."

دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ھەقىقىي ئەمىنلىكنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي ئېرىشكەندىلا، رايوندا ئاندىن ھەقىقىي ھالدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت