خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مەنپەئەتىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان تەىسىرى مۇھاكىمە قىلىندى

20 ‏ - ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە، خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مەنپەئەتىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، خىتاينىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى نېفىت پىلانى، خىتاي - پاكىستان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى رادىكالىزىمدىن ئەندىشىسى؛ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﺎﺳﯩﻒ ﺯﺍﺭﺩﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺋﺎﺳﯩﻒ ﺯﺍﺭﺩﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
AFP Photo

مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىرىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغاندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ مۇمكىنچىلىكنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. ئۇلار نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسيا ۋە جەنۇبىي ئاسيادىكى ھەر ساھە مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تېنچ بولۇش كېرەكلىكىنى؛ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بىر قىسىم رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئەندىشىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئۈستىدە توختالغان بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دەيدۇ: " رايوندىكى مۇستەقىللىق مەسىلىسى يېقىنقى بىر مەسىلە ئەمەس، ئۇ بۇرۇندىن ئېتنىك توقۇنۇش سۈپىتىدە ئپادىلىنىپ كەلگەن؛ يېقىندىن بېرى ئاز بىر قىسىم ئىسلامىي جىھاد كۆرۈنۈشىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ."

پروفېسسور Walid Pharis يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت پىلانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئۇلار ئالدى بىلەن، جىھاد تەربىيىسى ئېلىپ بارماقچى، ئاندىن شىنجاڭدىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي بازىلارغا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىماقچى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ شەھەر مەركەزلىرىگە، ئىقتسىادى تۈگۈنلىرىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلماقچى. ئۇلار يەنە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئافغانىستان، پاكىستاندىكى رادىكال گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى."

مۇتەخەسسىسلەر، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تالىبان كۈچلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، خىتاينىڭمۇ ئېغىر خەۋپ ئاستىغا چۈشىدىغانلىقىنى،چۈنكى جىھاد ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراپ كېڭىيىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇزاق ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى Michael Schiffer، خىتاينىڭ 3000 كىلومېتىر مۇساپىدىكى كاسپىي دېڭىز نېفىت تۇرۇببا يولى پىلانىنىڭ 1000كىلومېتىرلىق قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. مىكايىل سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: " بىز ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە؛ ھەم ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە رايوندىكى خەلقنى ئاشكارا قوللاش پۇرسىتىگىمۇ ئىگەمىز؛ چۈنكى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە كاپالەت بەرگەن."

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئالدىنقى كۈنكى يىغىندا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە؛ ھەر ئىككىسىنى تەڭ تۇتۇشىنى، ۋە ھەر ئىككىسىدە تەڭ نەتىجە قازىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ مەسىلە ھەققىدە، تۈركىيىدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقۇرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ مەزكۇر تەكلىپكە قارشى قاراشلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت