زامبىيە پرېزىدېنت كاندىداتىنىڭ قىلغان سۆزى خىتاينىڭ ئافرىقا ستراتېگىيىسىدە جىددىي ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلماقتا

2006-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"زامبىيە ۋاقىت گېزىتى" نىڭ 9 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاي زامبىيىگە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، دەپ تەھدىت سالماقتا" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ زامبىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى باۋدوڭ "خىتايدىن 180 شىركەت زامبىيىگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان ئىدى. مەبلەغ مىقتارى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتەتتى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرغاندا، زامبىيىدىكى "ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتى" دېگەن تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى مىكول ساتانىڭ قىلغان سۆزلىرى زامبىيىگە مەبلەغ سالغىلى كېلىدىغان كىشىلەرنى قورقۇتۇپ قويدى. ئەگەر زامبىيە خەلقى تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتكە ئاۋاز بەرسە، خىتاي ھۆكۈمىتى زامبىيە بىلەنكى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ" دېگەن.

"بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت، دەپ ئېتراپ قىلىنىدۇ"

"فرانسىيە ئاگېنتلىقى"نىڭ زامبىيە پايتەختى لۇساكا شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، زامبىىيىدىكى "ۋەتەنپەرۋەرلەر فرونتى" نىڭ رەھبىرى مىكول ساتا ئەپەندىنىڭ سايلىنىش نۇتقىدا خىتاينى ئەيىبلەپ "خىتاي ئەرزان ماللىرىنى تۆكۈپ سېتىش ئارقىلىق زامبىيە خەلقنىڭ تىجارىتىنى ئىگەللىۋالدى"، "خىتاي ئەرزان ماللىرىنى دۆلىتىمىزگە تۆكمە قىلدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي نوپۇسىنى دۆلىتىمىزگە تۆكمە قىلدى"، "خىتاينىڭ مەبلەغ ساقلىغۇچىلىرى دەپ ئاتالغان كىشىلەر زامبىيىدە ناھايىتى كۆپ يەرلىك خەلقنى ئىشسىزلىققا مۇپتىلا قىلدى" ، "ئۆتكەن يىلى زامبىيىدە پارتلاش دورىسى زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، نېمە ئۈچۈن خىتايلاردىن بىرمۇ ئادەم ئۆلمەي، پۈتۈنلەي زامبىيىلىك ئۆلدى؟" ، "ھازىر زامبىيە خەلقنىڭ 80% ى، يەنى 11 مىليون خەلق كۈندىلىك كىرىمى بىر ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى" دېگەن سۆزلىرى، بولۇپمۇ "بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ" دەپ جاكارلىغانلىقى خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.

"خىتاي ھۆكۈمىتى زامبىيىگە خىتاي نوپۇسىنى تۆكۈپ ساتتى"

"ب ب س" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 1960‏-70‏- يىللاردا ئافرىقىدىكى مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىش دېگەن شۇئارنى قوللانغان ئىدى، ھازىر ئەمدى ئۇنداق سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى تەپەككۇرى بىلەن ئەمەس، بەلكى غەرب ئەللىرىنىڭ شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىش، دېگەن شۇئار بىلەن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنىلا قوغداش تەپەككۇرى بويىچە ئىش قىلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى "ئۈچىنچى دۇنيا بىلەن ئىتتىپاقلىشىش" دېگەن كوممۇنىزم تەپەككۇرىنى يۇشۇرۇن ھالدا قايتىدىن باشلىدى. ھازىر خىتاينىڭ 28% نېفىت ئىمپورتى ئافرىقىدىن كېلىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ كۆزلىگىنى ئافرىقىدىن نېفىت ئېلىش ئەمەس، خىتاي ئافرىقىدىكى كان مەھسۇلاتلىرىغا كۆز تىككەن. 2008 ‏- يىلىغا يەتكەندە، خىتاينىڭ داتلاشماس ئەبجەش پولات مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىھتىياجى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى شىركەتلىرىنىڭ سانى 2004 ‏- يىلىدىكى 77 دىن 715 گە كۆپىيىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق ئافرىقا ستراتېگىيىسىدە، يېقىندا زامبىيىدە داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمىدا جىددىي ئۆزگۈرۈش پەيدا بولدى. يېڭى پرېزىدېنت كاندىداتى مىكول ساتا ئەپەندىنىڭ سۆزىدىكى ئىككى مەسىلە خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغان ئىدى. يېڭى پرېزىدېنت كاندىداتى ساتا ئەپەندى سۆزىدە "خىتاي ھۆكۈمىتى زامبىيىگە خىتاي نوپۇسىنى تۆكۈپ ساتتى" دەپ قاتتىق ئېيىپلاپلا قالماي، بەلكى "تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقى بار دۆلەت، بىز ئۇنى ئېتىراپ قىلىمىز"، "خىتايدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچى دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە دۆلىتىمىزگە قالايمىقانچىلىق سالىدىغان كىشىلەر، بۇلارنى بىز زامبىيىدىن قوغلاپ چىقىرىمىز" دېگەن ئىدى.

زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى

ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولغان زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 752 مىڭ 614 كۋادىرات كىلومېتىر. ئۇ 1963 ‏- يىلى ئەنگىلىيە يېتەكچىلىكىدىكى ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئىچكى قىسىمدا ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈشكە باشلاپ، 1964 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 5 كۈندىن كېيىن خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە ئورناتقان. زامبىيىنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 200 مىڭ. بۇ دۆلەتتە 73 قەبىلە بار. زامبىيە نوپۇسىنىڭ 70 مىڭى ياۋرو-ئاسىيالىق بولغاندىن باشقا، قالغان كۆپ سانلىقى بانتو تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ. ھۆكۈمەتتە ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. يېزا ئاھالىسى ئىپتىدائى دىنغا ئېتىقات قىلىدۇ، قالغانلىرى خرىستىئان ياكى كاتولىك دىنىدا. 1991 ‏- يىلى زامبىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا "زامبىيە پارلامېنتىدا 150 ئورۇن بولىدۇ، بىتەرەپ سىياسەت قوللىنىدۇ، قانۇن تىكلەش، ئەدلىيە، مەمۇرىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئورگان بىر-بىرىگە بېقىنماي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلىدۇ، كۆپ پارتىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. 1996 ‏- يىلى زامبىيىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا يەنە بىر قېتىم تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا "زامبىيىنىڭ پرېزىدېنتى چوقۇم ئاتا-ئانىسى زامبىيىلىك كىشى بولۇشى كېرەك" ، "قەبىلە باشلىقلىرى سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن. زامبىيىدە مىس كان ئاساسلىق تەبىئىي بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىس مەدەن زاپىسى پۈتۈن دۇنيا زاپىسىنىڭ 6% نى تەشكىل قىلىدۇ. 2003 ‏- يىلى خىتاي زامبىيىگە مەبلەغ سېلىپ يىلىغا 6000 توننا پارتلىتىش دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرغان ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن بۇ زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بېرىپ 46 نەپەر زامبىيىلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. 2005 ‏- يىلى زامىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىجارەت مىقتارى ئەڭ كۆپ يىل بولدى. ئەمدى 2006 ‏- يىلىغا كەلگەندە خىتاي زامبىيىدە قارشى ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالدى. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت