ئاۋام پالاتا ئەزاسى فوربۇس خىتاينىڭ ھەربىي قاراملىقىنى تەنقىد قىلىدىغان قارار لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويدى

يېقىندا 5 دانە خىتاي ھەربىي كېمىسىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدا ئامېرىكا تەكشۈرۈش پاراخوتىغا "ئىغۋاگەرچىلىك" قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي ئامېرىكا پاراخوتى مەشغۇلات ئېلىپ بارغان رايوننىڭ "جۇڭگو ئىقتىسادى مەنپەئەت رايونى" ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا كېمىسىنىڭ پائالىيىتىنى " قانۇنسىز" دېگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﻣﺎﺭﺕ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﻮﺭﻣﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﻣﺎﺭﺕ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺗﻮﺭﻣﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
US. Navy Photo

ئامېرىكا بولسا ھەربي كېمىسى مەشغۇلات ئېلىپ بارغان رايوننىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەر ئىككىلا دۆلەت "بۇ تۈردىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر تەكرار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك،" دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە قوزغىغان تەسىرى داۋاملاشماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى رەندى فوربېس ئەپەندى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھىسى ھازىرلىغان.

3 ‏- ئاينىڭ 8 - كۈنى يۈز بەرگەن 5 دانە خىتاي ھەربىي كېمىسىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئامېرىكا ھەربىي تەكشۈرۈش كېمىسىنى توساپ، "ئامېرىكا كېمىسىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان "ئىغۋاگەرچىلىك" ۋەقەسى خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدىن 70 ‏- 80 ئىنگىلىز چاقىرىمى يىراقلىقتىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تەرەپلەر بۇ ۋەقەنى سۆزلەشكەن.

ھېللارىي كلىنتون بىلەن ياڭ جيېچى ۋاشىنگتوندا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەر تەكرار بەرمەسلىكى كېرەك، دېگەن تونۇشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھەربىي دائىرىلىرىدە قوزغىغان تەسىرى بولسا ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا.

مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى رەندى فوربېس بىر قارار لايىھىسى ھازىرلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ئورۇنسىز توقۇنۇش پەيدا قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئاۋام پالاتا ھەربي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يانداش رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىكى فوربېسنىڭ قارار لايىھىسى ئالدى بىلەن ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك. ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا تەستىقلانسا ئاۋام پالاتا ئومۇمى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

فوربۇسنىڭ قارار لايىھىسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : خىتاينىڭ تىنچ باش كۆتۈرۈشىنى قوللاش، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جەنۇبى دېڭىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئوخشاش ئورۇنسىز جىددىيچىلىك يارىتىشىنى تەنقىد قىلىش، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىقلار.

رەندى فوربېس ئاۋام پالاتاسىدا سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى بىر نۇتقىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، جەنۇبى دېڭىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى، خىتايغا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. فوربېس مۇنداق دەيدۇ: " 10 كۈننىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قورالسىز بىر كېمىسى 5 دانە خىتاي ھەربىي كېمىسى تەرىپىدىن ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىدى. ئاۋام پالاتاسى ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە قادىر بولالماي كەلدى. ئۆتكەندە بىز قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ تىبەت خەلقىغە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن بىئارام بولغانلىقىمىزنى ئىپادىلىگەن ئىدۇق. لېكىن قورالسىز ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋەقەسىگە ئىپادە بىلدۈرۈلمىدى. تۈنۈگۈنكى يىغىندا بۇ ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرۈشىمىزگە ۋاقىت يەتمىدى. بۈگۈن ۋاقتىمىز بار، بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشكە ۋاقىت بېرىلىشىنى ئىستەيمىز. رەئىس ئەپەندى، مەن ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرىنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، قارار لايىھىسىنى ئومۇمى يىغىندا ئاۋاز قويۇشنى، خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە پۇقرالىرىمىزنى قوغدايدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز لازىم."

فوربېس ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا چاقىرىپ، جەنۇبى دېڭىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەنقىد قىلىش مەزمۇنىدىكى ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان قارار لايىھىسى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇخبىرلارغا "خىتاي كېمىسىنىڭ قورالسىز ئامېرىكا پاراخوتىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى پۈتۈنلەي يولسىزلىقتۇر. خىتاي ئامېرىكىنى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. بىز پرېزىدېنت ئوباما كېلەر ئاي خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ ئىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېگەن.

ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ھەربىي دائىرىلەر بولسا ئاۋام پالاتا ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا بەرگەن مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى "ئىغۋاگەرچىلىك" ۋە " ئۆكتەملىك" دەپ تەنقىدلىمەكتە.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باش مۇپەتتىشى دېنىس بلايېر، مەزكۇر ۋەقەنى يېقىنقى 8 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى "جىددى ئىغۋاگەرچىلىك"، دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى تىموتى كېتىڭ خىتاينى "ئۆكتەملىك" قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە بويسۇنمايدىغان خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كېتىڭ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا "كېمە ۋەقەسى بولۇپمۇ جەنۇبى دېڭىزدىكى كېمە ۋەقەسى خىتاينىڭ ئۆكتەم، ئا چاتاقچى ۋە ئومۇم قوبۇل قىلغان ئۆلچەملەرگە بوي سۇنمايدىغان قىلىقلارنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،" دېگەن ئىدى.

خىتاي 2008 ‏- يىلى 10 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىك ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى توڭلاتقان. ئىككى تەرەپ ھەربىي ئالاقىسى يېقىندا ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. تىموتى كېتىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى سۆزىدە ئىككى دۆلەت ھەربىي ئالاقىسىنىڭ "ئامېرىكا ئۈمىد قىلغان نۇقتىدا ئەمەسلىكى" نى تەكىتلىگەن.

ئاۋام پالات ئەزاسى رەندى فوربېس خىتاينى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىدە يەنە 2001 ‏ - يىلى 4 ‏- ئايدا خىتاينىڭ خەينەن ئارىلى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دېڭىز - ئوكيان قانۇنىغا ئاساسەن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت