خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەنپەئەت كۈرىشى

2008-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى"دا، ھەر قانداق پۇقرانىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي بېسىمىدىن خالى ھالدا كۆچۈش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق تەكىتلەنگەن. ئەمما باشقا يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان پۇقرالارنىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى تالان - تاراج قىلىشى مۇتلەق چەكلەنگەن. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىشى، ئىستىخىيىلىك كۆچۈشتىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەپەرۋەرلىكى ھەم رىغبەتلىرىگە تايانغان بولۇپ، بۇ كۆچۈپ كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ زېمىننىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ھاياتلىق شارائىتى ۋە باياشادلىققا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل كۆچۈش ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

داۋاملىشىۋاتقان تالان - تاراج

خىتاي تور بەتلىرىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1940 - يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 400مىڭغا يەتمەيدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇسى، بىڭتۈەننىڭ نوپۇسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 7 مىليوندىن ئاشقان. ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ھەم ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلاردا كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان تېما بولسىمۇ، بۇ ئاققۇنلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا مەنپەئەت تالىشىش كۈرەشلىرىگە ئائىت خەۋەرلەر ئانچە كۆپ ئاشكارىلانمايدۇ. بۆشۈن تور بېتىنىڭ 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى " قۇتۇبى يېزىلىرىدىكى يېزا باشلىقى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېزا تۇپراقلىرىنى قانۇنسىز تالان - تاراج قىلىشى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزىلارنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىرى، يېزا - كەنت باشلىقلىرى ۋە سودا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولغان خىتايلارنىڭ بىر بىرىدىن مەنپەئەت تالىشىپ، ئۆز ‏-ئارا جەڭگى - جىدەل قىلىش ھادىسىلىرى ئومۇملاشقان.

يېقىندىن بۇيان، بۇ رىقابەتتە مەغلۇپ بولغان، توغرىسى، كۆزلىگەن مەقسىدىگە يېتەلمىگەن بەزى خىتايلار، رەقىبلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنۇشقا ھەم تور بەتلىرىدە بۇ خىيانەتچىلىك، چېرىكلىكلەرنى پاش قىلىپ، ئۆچ ئېلىشقا باشلىماقتا. ' بوشۈن تورى ' دا ئېلان قىلىنغان بۇ پاش قىلىش دوكلاتىنى ما شىنلوڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ياكى تۇنگان يازغان. ئۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاستىغا ئۆزىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويغاندىن سىرت، قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى بىر كەنت باشلىقىنىڭ يەر - مۈلۈكلەرنى قاقتى - سوقتى قىلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن يالغان ھۆججەتنىڭ ئەينى نۇسخىسىنى چاپلاپ قويغان.. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قۇتۇبى ناھىيىسىدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ باشلىقلىرى تۇرالغۇ ئۆي ئۈچۈن ئاجرىتىلغان يەرلەرنى، تېرىلغۇ يەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئۆز تۇغقانلىرىغا، يېقىنلىرىغا خالىغانچە بۆلۈپ بېرىدىكەن. خىتاي سودىگەرلىرىگە ئەرزان باھالاردا سېتىپ، تاپقان پۇلنى خىيانەت قىلىدىكەن. ئەگەر ئۇ ھوقۇقىدىن ئېلىنىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان يەنە بىرسى، ئوخشاشلا تالان - تاراج قىلىش، خىيانەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

خىتايلاشقان ھوقۇق ساھەسى

ئۇيغۇر زىيالىسى ئەركىنئاي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇچىغا چىققان چېرىكلىك ۋە تالان - تاراجلىرىنىڭ دەلىلى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېزا ۋە كەنتلەرگە باشلىق بولۇۋالغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇملاشقان بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاشكارىلانغان ئاددىي بىر مىسالى ئىكەن.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا تۆۋەن دېگەندە، پەقەت ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارلىرى خىتاي بولغان بولسا، ھازىر يېزا ۋە كەنتلەرنىڭ سېكرىتارلىرىغىچە خىتايلىشىپ كەتكەن. بۇنداق بولۇشى، بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ساداقىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاققۇنلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان مۇستەملىكىسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.

زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق تۈگىمەيدۇ

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئانالىز قىلىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئاز ئەمەس.

خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمران بىر مىللەت سۈپىتىدە مەغرۇر ياشاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق جىنايەتلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئىقتىسادى ساھەدە بولسۇن، مەدەنىي ساھەدە بولسۇن ۋە مەيلى ئىجتىمائىي، دىنىي ياكى سىياسىي ساھەدە بولسۇن، ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، بۇ زۇلۇمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى زور كۆلەملىك قوزغۇلۇشنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقى، سىياسىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن تەكىتلەنمەكتە. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت