سپېلبېرگنىڭ ئىستىپاسى خىتايلارنى تەڭقىسلىقتا قويدى

2008-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Spielberg99-150.jpg
بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىسى، مەشھۇر ھوللىۋۇد رېژىسسورى ستىۋېن سپىېلبېرگ ئالدىنقى كۈنى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى Source: wikipedia.org

ئۇيغۇرلار، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى سەنئەت مەسلىھەتچىسى ستىۋېن سپېلبېرگنىڭ سەنئەت تالانتىنى ئۇنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى "شىندىلېرنىڭ تىزىملىكى"، "يۇرا باغچىسى " دېگەن كىنولىرىدا كۆرگەن. ئۇنىڭ رېژىسسورلۇقىدىكى نۇرغۇن كىنو - فىلىملەرنىڭ كۆپ قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى سپېلبېرگنىڭ سەنئەت تالانتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ئىدى. كېيىنكى يىللاردا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان ھوللىۋۇدنىڭ بۇ مەشھۇر رېژىسسورى، ئالدىنقى كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەسىلىسىدە يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقى تۈپەيلى ئىستىپا بەردى. بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "مەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا مەسلىھەتچىلىك قىلىشنى رەسمىي توختاتتىم " دەپ تەكىتلىگەن سپىېلبېرگ، ئەخلاقىي بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا يول قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " مېنىڭ ۋىجدانىم بۇ خىزمەتنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشۇمغا يول قويمىدى. سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلاردا زور مەسئۇلىيىتى بار. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ خىتاي دارفۇر رايونىدىكى ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئازاپ - ئوقۇبەتنى تۈگىتىشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك ".

سپېلبېرگنىڭ قارارى ھوللىۋۇد ئارتىسى مىيا فارروۋنى سۆيۈندۈردى

سپىېلبېرگ شەخسىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، ئۆزىنىڭ 2007 ‏- يىلى خىتاي رەھبەرلىرىگە 2 قېتىم خەت يېزىپ، سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىشنى، دارفۇردىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. سپېلبېرگنىڭ ئىستىپاسى ئولىمپىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

سپىېلبېرگ شەخسىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، ئۆزىنىڭ 2007 ‏- يىلى خىتاي رەھبەرلىرىگە 2 قېتىم خەت يېزىپ، سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىشنى، دارفۇردىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. سپېلبېرگنىڭ ئىستىپاسى ئولىمپىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

ھوللىۋۇد ئارتىسى مىيا فارروۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سپېلبېرگنىڭ قارارى ئۇنى سۆيۈندۈرگەن. مىيا فارروۋ، ئەينى چاغدا سپېلگېرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا سەنئەت جەھەتتە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىقىنى، سپېلبېرگنىڭ بىر يەھۇدى بولۇش سۈپىتىدە "ئىرقىي تازىلاش ئولىمپىكى"، دەپ نام ئالغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى كېرەك، دەپ ئويلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سپېلبېرگنىڭ قارارى ھوللىۋۇدتىكى ئىنسانپەرۋەر ئارتىسلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، خىتاي دائىرىلىرىنى ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

سودىگەرلەر، ھۆكۈمەتلەر، ھەر قايسى دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك

مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى سوفىيە رىچاردسون، رادىئومىزغا سپېلبېرگنىڭ قارارى پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ سۆزلىدى. رىچاردسون خانىم مۇنداق دەيدۇ، "بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر مىسالدۇر. تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە مەبلەغ سالغان سودىگەرلەر، ھۆكۈمەتلەر، ھەر قايسى دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتلىرى ۋە ئولىمپىك يىغىنىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان باشقا شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خىتاي ۋە چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلسا بولىدۇ."

ئامېرىكا زامان ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، سپېلبېرگنىڭ ئىستىپا بېرىش قارارى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچ ‏- قۇدرىتى ۋە ئوبرازىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەڭقىسلىقتا قويغان. چۈنكى خىتاينىڭ سۇدان سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا ئىدى.

" ئەگەر بۇنىڭدا سىياسىي مۇددىئا چىقىش قىلىنغان بولسا قوبۇل قىلىنمايدۇ "

سپېلبېرگنىڭ ئىستىپا بېرىش قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 220 نەپەر ئەزاسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، خىتاينى دارفۇر مەسىلىسىدە خارتۇم ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خېتىدە خىتاينى سۇدان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى يېقىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، دارفۇردىكى ئىنسانى كرىزىسنى تۈگىتىشكە ئۈندىگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بولسا سپېلبېرگنىڭ ئىستىپاسى ئۆزلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى، "ئەگەر بۇ جۇڭگونىڭ سىياسىتىنى چۈشەنمەسلىك تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتقان بولسا بۇنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما سىياسىي مۇددىئا چىقىش قىلىنغان بولسا بۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى" بىلدۈردى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ليۇ جيەنچاۋنىڭ سۆزىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ،لېكىن سپېلبېرگنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا خىتاينىڭ ئۆزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەنقىد قىلىدىغانلار كۆپەيمەكتە. ئۇ، " مېنىڭ قارىشىمچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئولىمپىك يىغىنى تۈپەيلى ياخشىلىنىش ئەمەس، ئەكسىنچە تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتتى. مەسىلەن، بۇرۇنقىغا قارىغاندا قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچى زاتلار كۆپىيىپ، ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيدى" دەيدۇ.

"دارفۇردىكىگە ئوخشاش جىددىي توقۇنۇشلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس "

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەسىلىسىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدۇر. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى دارفۇر مەسىلىسى ياكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلماقتا. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەك روگې، پەيشەنبە كۈنى دارفۇر مەسىلىسىدە خىتاينى سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەيدىغان بىر چاقىرىقنامىغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روگېنىڭ باياناتچىسى ئېممانۇئېللا مورۇي، " بۇ پۈتۈنلەي خاتا " دەپ تەكىتلىگەن. ئەنگىلىيە " مۇستەقىلچى،" گېزىتى پەيشەنبە كۈنكى سانىدا 8 نەپەر نوبىل مۇكاپاتى ساھىپلىرىنىڭ دارفۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى خىتاينى خارتۇم ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان خېتىنى ئېلان قىلدى.

خەتتىكى ئىمزا قويغۇچىلار قاتارىدا جەك روگېنىڭ ئىسمى بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئىمزا قويمىغان. روگېنىڭ باياناتچىسى ئېممانۇئېللا مورۇي، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەنتەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەسىلىلەر بىلەن باغلاش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن "دارفۇردىكىگە ئوخشاش جىددىي توقۇنۇشلار ب د ت دا ھەل قىلىنىشىنى، بۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالماسلىقىنى" تەكىتلىمەكتە.

خىتاينىڭ سوداندىكى قىرغىنچىلىقلاردا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار

ئەمما مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا سپېلبېرگنىڭ ئىستىپاسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى دارفۇر شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتىشىغا ياردەمچى بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەمى، "بۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ‏- نەزىرى باسقۇنچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلىشىغا ياردەمچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. بولۇپمۇ چەتئەلدە سۇدانغا ئوخشاش شۇنداقلا خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى دىققەت قوزغىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي سۇداننىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنى ئەڭ مۇھىم قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلىگۈچى شۇنداقلا سۇداننىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىقلاردا ئاز دېگەندە 200 مىڭ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 2 مىليون ئادەمنىڭ ئۆي ‏- ماكانىدىن ئايرىلغانلىقىنى، سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلاردا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت