ئۇيغۇر مەسىلىسى- مىللى مەسىلە شۇنداقلا دېموكراتىيە مەسىلىسىدۇر

2006-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

oil-bugur-nefit.jpg
2003-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى بىر نېفىتلىكتە تارتىلغان رەسىم. خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان قاتتىق قوللىقى ئاشماقتا. AFP

يېقىندا چەتئەلدىكى خىتايلارنىڭ تور بەتىدە خىتاي دېموكراتلىرىدىن چەن پوكوڭ ئەپەندىنىڭ "شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە دېموكراتىيە" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئۇ، بۇ ماقالىدا خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن شىنجاڭ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرقى تۇركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ زېمىننىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ماھىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كورسىتىش ھەرىكەتلىرى، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر رايۇنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تۈۋرۈكى

چەن پوكوڭ ئەپەندى ماقالىسىنى، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقى بىلەن باشلايدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:

شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خىتاي ھازىر يىگىرمە نەچە يىلدىن بۇيانقى، ئەڭ ئېغىر ئېنېرگىيە كرىزىسى ئىچىدە تۇرماقتا. خىتايدا ئېلىكترىك قەھەتچىلىكى، كۆمۈر ۋە نېفىت قەھەتچىلىكى ئومۇمى يۈزلۈك پارتلىدى. ئېلېكتىر كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەممە ئۆلكىدە دېگۈدەك مەۋجۇت بولماقتا.. خىتاي 93 يىلىدىن باشلاپ نېفىت ئىمپورت قىلىشقا باشلىغانىدى. نېفىتكە بولغان تەلەپ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىشى بىلەن، ئۇ، 2003-يىلى دۇنيادىكى نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان 2-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاي يەنە ئۆزىنىڭ چەتئەلدە تەرەپ-تەرەپتىن ئېنېرگىيىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەربى خىراجەتنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. خىتاينىڭ دىپلوماتىيىسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئېنېرگىيە دىپلوماتىيىسى بولماقتا. بۇنداق ۋەزىيەتتە مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە شىنجاڭنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ۋەتىنى بىلەن ھەيلوڭجاڭ ئۆلكىسىنى خىتاينىڭ 2 چوڭ ئېنېرگىيە تۆۋرۈكى دەپ تەرپلەيدۇ.

چەن پوكوڭ ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئېنېرگىيىدە ئېغىر دەرىجىدە چەتكە تايىنىدىغان بىردىن بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تارىختا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن يوقسۇن دولەتلەردىن بەزىلىرىنىڭ، ئەسەبىي مىللەتچىلىك روھى بىلەن كېڭەيمىچىلىك يولىنى تاللىغانلىغىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق يازىدۇ:

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھازىرچە ئانچە چوڭ ئەمەس. ئامما ئۇلار مول ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان شىنجاڭغا قارىتا كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇكى، ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرمايدۇ. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدە خىتايدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك. بۇنى بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىتى ۋە خەلقئارالىق ستراتېگىيە بەلگىلىگەن. دەيدۇ، ئاما ئۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيدۇ.

ئۇيغۇر مەسىلىسى مىللى مەسىلە، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر

شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنىڭ مەنبەسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە قاتتىق قوللۇق ھۆكۈمرانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتايلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسى زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قوش زۇلۇمىغا يەنى سىياسى زۇلۇم ۋە مىللى زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مىللى مەسىلە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۇرۇپ: شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنىڭ مەنبەسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇستەبىتلىكى ۋە قاتتىق قوللۇق ھۆكۈمرانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتايلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسى زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قوش زۇلۇمىغا يەنى سىياسى زۇلۇم ۋە مىللى زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلمەيدۇ، ئەكسىنچە باشقا مىللەتلەر ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە ھوكۇم قىلىدۇ. مانا بۇ مەسىلىنىڭ ۋە توقۇنۇشنىڭ تۈگۈنىدۇر، دەپ يازىدۇ.

شەرقى تۇركىستان مەسىلىسى ئېتنىك مەسىلە، ئۇ سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك

كانادادىكى شائىر ۋە سىياسى ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: خىتايدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. شەرقى تۇركىستان مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى، ئىچكى موڭغۇلىيە مەسىلىسى قاتارلىقلار. بۇ مەسەللەر ئېتنىك مىللى مەسىلە بولغانلىغى ئۈچۈن ۋە خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك سىياسى تۇزۇم بۇ مەسىلىلەرگە كۇچ ئارقىلىق ئارىلاشقانلىغى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. ئالايلۇق، شەرقى تۇركىستان خەلقى، تىبەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، بۇ مىللى ھەق-ھوقۇق زورلۇق كۇچ بىلەن باستۇرۇلىدۇ. بۇ يەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۇز بېرىدۇ. مېنىڭچە، خىتايدا بىر پارتىيىلىك سىياسى تۇزۇم ئۆزگەرمەي تۇرۇپ ۋە خىتايدىكى ئېتنىك مەسىلىلەرگە تىنچلىق يول سىياسى يول بىلەن مۇئامىلە قىلىنماي تۇرۇپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقتىن سوز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سەنتەبىر ۋەقەسىنى سۈيئىستىمال قىلدى

چەڭ پو كوڭ ماقالىسىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىكى يۇزىسىدىن "ئەلقائىدە" گە ئوخشاش تەررور تەشكىلاتلىرىنى ئاستىرىتتىن قوللىغانلىغىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ:

خىتاي دائىرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق تەشۋىقاتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بېيجىڭ بىر تەرەپتىن ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەت ئەلقائىدە ۋە تالىبان قاتارلىق تەررور تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالاشقان ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بۇ تېررورچى گۇرۇھلارنى ئامېرىكىغا ياكى ئاتالمىش زوراۋانلارغا قارشى قەھرىمان، دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. خىتاي پۇقرالىرىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ بىشارەتنى قوبۇل قىلىپ، تېررورچىلارغا مەدەت بېرىپ كەلدى.. ئامما خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، بولۇپمۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدا، تېرورىزىمغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، خىتاي ۋەزىيەتنى سۈيئىستىمال قىلىپ، بىر يۇمىلاپلا، ئىلگىرى ئۆزى ئاستىرىتتىن قوللاپ كەلگەن ئەلقائىدە، تالىبان قاتارلىقلارنىڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە يەنە بۇ تەشكىلاتلارنى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوز ئارا باغلاشقا باشلىدى ۋە بۇ ھەقتە داۋراڭ كۆتۈردى. خىتاي تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، يەنە ئىران قاتارلىق زوراۋان دۆلەتلەرنى ئاسترىتتىن، كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلغۇچى قوراللار بىلەن تەمىنلەپ، تېررورىزىمنى قوللاشتىن يەنىلا قول ئۈزمىدى. بېيجىڭنىڭ مۇرەككەپ روھى ھالىتى ۋە بىر بىرىگە زىت بولغان تەشۋىقاتلىرى خىتاي خەلقىنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.

چەن پوكوڭ ئەپەندى ماقالىسىدە بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلى، شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى خىتاي باش ئەلچىھانىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىغى ھەققىدە خەۋەرنى تارقاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىغى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئاتالمىش خەۋەرلەرنى چەتئەلدىكى فالۇڭۇڭچىلار ئۇستىدىنمۇ پات-پات تارقىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

خىتاينىڭ پارچىلىنىشى مۇقەررەر، ئامما ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاپتونومىيە، فېدېراتسىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك

ماقالە ئاپتورى دېموكراتىيە ۋە ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ:خىتايدا مۇستەبىت تۇزۇم داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈنۈشتە ئۇ بىرلىككە كەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇستەبىت تۇزۇم، ئاۋام خەلقنىڭ قەلبىنى پارچىلاپ بولدى. شۇڭا خىتاينىڭ پارچىلىنىشى ۋاقىت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت. بۇگۈنكى مۇستەبىت تۈزۈملەر دۆلەتنى ھالاك قىلىشنىڭ مەنبەسى بولماقتا. ھازىر ئۇيغۇرلار زوراۋان ھۆكۈمەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپلا قالماستىن يەنە خىتاي مىللىتىنىڭ ئۆزىمۇ زوراۋان ھۆكۈمەتنىڭ ئاسارىتىدە قالدى. قۇلدا ھوقۇق بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەتىنىمۇ بولمايدۇ. شەخىسنىڭ ھوقۇقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا مىللەتنىڭ ھوقۇقىدىن سوز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دەپ يازىدۇ.

چەن فوكوڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مىللى مەسىلىنى- پەقەتلا بىر مىللەت بىلەن ئىككىنچى بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى، بۇگۈنكى دۇنيادا دېموكراتىك ھوقۇق بىلەن مىللى ھوقۇقنىڭ ئوزئارا بىر بىرىگە باغلىنىدىغانلىقى، مىللى مەسىلىنى ئايرىلىپ چىقىش ياكى بۆلۈنۈش بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، بۇنى ئاپتونومىيە، فېدېراتسىيە ۋە كون فېدېراتسىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يول ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرلار كەلگۈسىگە ئۆزلىرى قارار بېرىشى كېرەك

كانادادىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ پروفېسسورى لىن چۇنفۇ بۇ ماقالە ھەققىدە توختىلىپ: تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت. رېئاللىقنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. ئۇيغۇرلار كەلگۈسى ئۈچۈن مۇستەقىل دۆلەتتە ياشامدۇ ياكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ياشاشنى خالامدۇ، بۇنىڭغا ئۆزلىرى قارار بېرىشى كېرەك دەيدۇ.

چەن پوكوڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ئەركىنلىگى ھەققىدە كوپ توختالغان بولسىمۇ، ئامما ئۇ ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتتە ياشاش ھوقۇقى بارلىغىدىن باشتىن ئاخىر ئۆزىنى تارتىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت