خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا سوغات تارقاتتى

12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئىككى دىپلومات قولىدا كۆپلىگەن سوغاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەركەز بىناسىغا كىرىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10ﺩﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﻮﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10ﺩﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﻮﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ھەيئەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ سوغاتلارنى رەسىمگە تارتىۋالغان.

تۈركىيىدە ھەرقانداق سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنىڭ ئۆيىگە ياكى ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز، خىتايلارنىڭ سوغىتىنى كۆرەلەيسىز. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سوغاتلار ئارقىلىق تۈركىيىدە يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىگە يېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا، خىتايلار سوغات ئارقىلىق قايسى مەقسەتلىرىگە يەتتى؟ ئۇلارنىڭ ساقچى ئىدارىسىغا بۇ سوغاتلارنى بېرىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻗﺎﻥ ﻗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ،ﭘﺎﺭﯨﺨﻮﺭﻟﯘﻕ،،،،،،،،ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ، ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻣﯩﺰ ،،،،،،،ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﺎﺭ ،.،،،،،

Dec 29, 2009 01:04 AM

تولۇق بەت