خىتاينىڭ سودىدىكى ساقتىلىقى 8 دۆلەت يىغىنىنىڭ مۇھىم تەنقىد تېمىسى

2007-06-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە مىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقان 8 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا، گېرمانىيە تەرەپ خىتاينىڭ گېرمانىيە تاۋارلىرىنى كوپى قىلىپ ياساش قىلمىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغۇرلاش ۋە چەتئەل تاۋارلىرىنى تەقلىد قىلىش قىلمىشىنى چەكلەش مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان مۇھىم مەزمۇنلار

2005 ۋە 2006 - يىلى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيابائو گېرمانىيىگە زىيارەتكە كەلگەندە، گېرمانىيە دۆلەت رەھبەرلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتىنىڭ كۆزىدىلا ۋېن جياباۋنى قارىتىپ قويۇپ، خىتاينىڭ تەقلىدچىلىك قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى 8 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىلنىڭ مۇھىم سۆز تېمىلىرىنىڭ بىرى خىتاينىڭ تەقلىدچىلىكىگە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا چەك قويۇش توغرىسىدا بولغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى 8 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغۇرلاش ۋە چەتئەل تاۋارلىرىنى تەقلىد قىلىش قىلمىشىنى چەكلەش مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان مۇھىم مەزمۇنلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

گېرمانىيە تاۋارلىرىنىڭ % 75 ئىنىڭ خىتايدا تەقلىد قىلىپ ياسىلىپ، تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە سېتىلىۋاتىدۇ

گېرمانىيە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دۇنيادىكى تەقلىدىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت ياراتقان چېمپىيون دۆلەتكە ئايلانغان. ھەر يىلى خىتاينىڭ تەقلىدچىلىكى تۈپەيلى تارتىدىغان زىيان 30 مىليارد يېۋروغا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ بارماقتا ئىكەن.

گېرمانىيىنىڭ تاموژنا ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى مۇسادىرە قىلىنغان پۈتكۈل تەقلىدىي تاۋارلارنىڭ يېرىمى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن. گېرمانىيە سودا - سانائەت بىرلەشمىسى يەنە گېرمانىيە تاۋارلىرىنىڭ % 75 ئىنىڭ خىتايدا تەقلىد قىلىپ ياسىلىپ، تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەر ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە سېتىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا گېرمانىيە ماركىلىرىدا بازارغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

د ۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل قارىھاجىم خىتاينىڭ بۇ خىل تېخنىكا ئوغۇرلۇقىنىڭ غەرب ئەللىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، غەرب ئەللىرىگە زور ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپلا قالماستىن، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى چىقارغان تاۋار ۋە نەشىر بويۇملىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى خەلقئارا سودا تەشكىلاتىنىڭ مىزانىغا تامامەن ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇن خىتايدا ھىچ ئىجرا قىلىنمايدىكەن. قانۇنشۇناس روبېرت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، "خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى نورمال ئەمەس. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇن بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ. خىتايدا ھەر قانداق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتكە بېقىنىدىغان بولغاچ، تەقلىدىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەيمەن، دېگەنلىك قۇرۇق گەپتىن ئىبارەت" دەپ كۆرسەتكەن.

بەزى خىتايشۇناسلار، خىتايلارنىڭ بۇ خىل تەقلىدچىلىك خاراكتېرىنى ئۇلارنىڭ ئەنئەنىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ، كوڭزىنىڭ "شاگىرت ئۇستازنى دورىشى كېرەك" دېگەن تەلىماتىغا خىتايلارنىڭ ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، 7 - ئەسىردە ھىندىستاندىن نوم ئوغۇرلاپ كېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقىنى مىسال ئالغان. بۇ يەردە خىتاينىڭ ئىجاد قىلىشقا ئەمەس، ئوغۇرلاشقا ۋە كوپى قىلىشقا مايىللىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ غەرب تاۋارلىرىنى كوپى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مېلىغا ئايلاندۇرۇپ ئىقتىساد توپلاش قىلمىشى ھېچ ئۆزگەرگىنى يوق

بۇ يىل 4 - ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدا ئامېرىكىنىڭ كىنوسى، كىتابلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ كەڭ - كۇشادە كوپى قىلىنىپ سېتىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى. گېرمانىيە ھەر قېتىم خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا بۇ نۇقتىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا بىرلىكىمۇ خىتايغا قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ غەرب تاۋارلىرىنى كوپى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مېلىغا ئايلاندۇرۇپ ئىقتىساد توپلاش قىلمىشى ھېچ ئۆزگەرگىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ھەر قېتىم غەرب رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى تەقلىدچىلىك قىلمىشىغا چەك قويۇدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسى خىتايدا ئازراق بىر ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى كۆزگە چېلىقتۇرالمىغان. خىتاينىڭ ۋەدىلىرى داۋاملىق ۋەدە پېتىچە قالغان.

خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرى خىتايدىكى بۇ خىل تەقلىدچىلىكنى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر مۇقەررەر رەۋىشتە باسىدىغان يول، دەپ قاراپ، تارىختىن مىساللار ئېلىش بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرىنىۋاتقان بولسىمۇ، غەرب سودا - سانائەت ئورگانلىرى ئۆز دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە خەلقئارا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينى چەكلەش ھەققىدىكى بېسىملىرىنى كۈچەيتمەكتە. ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ سودا كومىتېتىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە جىددىي باش قاتۇرماقتا. ( ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت