'شىنجاڭ'نى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئىستراتېگىيسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا چاقىرىلغان "شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى"دا، خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاستقا ياردەم بېرىپ، 10 يىلدا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي سەۋىيىسىنى خىتايدىكى تەرەققى قىلغان رايونلارغا يەتكۈزۈش توغرىسىدا قوبۇل قىلغان قارارى ئۇيغۇرلار، خىتايلار ۋە غەرب جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010-06-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﻣﺎﻳﺪﯨﻦ 19 - ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ   ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﻣﺎﻳﺪﯨﻦ 19 - ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن چىققان نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن 5% باج ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بېرىلگەن ئالاھىدە ئېتىبار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ يېڭىلىققا نىسبەتەنمۇ ھەر خىل ئىنكاسلار باش كۆتەرمەكتە. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بوشۈن تورىدا 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭنى خىتايلاشتۇرۇشنى تىزلىتىشى" ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ياردەم سىياسىتىنىڭ تۈپ ماھىيىتى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى 82 ناھىيە ۋە رايوننى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرىگە بۆلۈپ بېرىپ، پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇسى تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئەگەر خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئۆزلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن رايونلارغا مەبلەغ سالغىدەك بولسا، بۇ رايونلارغا ئېقىپ كېلىدىغان خىتايلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ بارىدىكەن ۋە قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن.

خىتاي زىيالىيسى جاڭ خېشۈي تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيسىنىڭ ماھىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى زور دەرىجىدە تىزلىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئەڭ نازۇك رايون دەپ قارالغان قەشقەر بىلەن خوتەننى بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شىنجىن قاتارلىق كۈچلۈك ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە بۆلۈپ بېرىپ، بۇ رايونلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئىدارىسى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان.

ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، ماۋ زېدۇڭ پەقەت ئارمىيە ۋە زىيالىي ياشلارنى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. دىڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن خىتايغا قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىلگەن. جاڭ زېمىن دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىلىپ، 1997 - يىلىدىن باشلاپ "شىنجاڭ" غا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش شوئارى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۇ خىزمەت خىتايدىكى 8 ئۆلكىنى سەپەرۋەر قىلىش ئاستىدا ھۆكۈمەت دائىرىسىدە پىلانلىق يولغا قويۇلغان. ئەمما، خۇ جىنتاۋ دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇ 2005 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىنى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرگە بۆلۈپ بەرگەن.
 
ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ چىڭ سۇلالىسىدىن باشلانغانلىقى، زو زۇڭتاڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئىستىلاھ قىلغان 1759 - يىلى، بۇ يەرگە "شىنجاڭ" دېگەن نامنى بەرگەن ۋە "ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى"نى قۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە يەنە، "بۆلۈپ ئىدارە قىلىش" تىن ئىبارەت بۇ سىياسەت ئارقىلىق، خۇ جىنتاۋنىڭ "بۇ تۇپراقنى پەقەت بىزلا پارچىلىيالايمىز" دېمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ خىل بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان خۇ جىنتاۋنىڭ، يەنە بىر كەسكىن مىللىي زىددىيەتنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك بىر قارشىلىقىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتور، بۇ رايونغا مەبلەغ سالغان ئۆلكە - شەھەرلەرنىڭ، سالغان مەبلىغىدىن زىيادە پايدا كۆزلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر تالان - تاراج قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى سۈكۈتلىرىنىمۇ تەرك ئېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ئەينەن ھالدا "19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭنى تىز سۈرئەتتە خىتايلاشتۇرۇش پىلانى قىسقا مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يارىشى مۇمكىن، ئەمما يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ شىددەتلىك مىللىي توقۇنۇشنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ" دەپ يازغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت